2005.07.07
«ھاشار» ئەمگىكى ، پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىلا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەقسىز ئەمگەك بولۇپ، تېلېفون ئارقىلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، مەزكۇر ئەمگەك دېھقانلارنىڭ ئەسلىدە قېيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئېغىرچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.
مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، «ھاشار» نىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر زىيالىيسى قاھار بارات ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈردى.