2005.07.06
ئامېرىكا، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ خىتايدا تۇنجى قېتىم ئېچىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى، ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭلا كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ قالماستىن، چەتئەللىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.