2005.06.29
rabiya-sidiq-200.jpg
رابىيە خانىم 17-مارت ئامېرىكىغا كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان ئىدى.

ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، 21 – ئىيۇن كۈنى ئەنگىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەنگىلىيىگە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان ئانىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن رابىيە قادىر خانىم، ئەنگىلىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن كۈتىۋىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئەنگىليە پارلامېنتىدىكى مۇھىم ئەربابلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا سازاۋەر بولدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەنگىلىيە سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 28- ئىيۇن ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە رابىيە خانىمنى زىيارەت قىلدى.