2005.06.26
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو – تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ باردىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رابىيە قادىر خانىم، 21 – ئىيۇن كۈنى ئەنگىلىيگە يېتىپ بېرىپ، ئەنگىلىيە پارلامېنتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئەنگىلىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم، 2000 – يىلى 3 – ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىگەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىلىنىپ، 8 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن جازالانغان ئىدى.
رابىيە خانىم ، بۇ يىل 3 – ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىغا سۈرگۈن قىلىندى. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى قويۇپ بېرىش ئالدىدا، ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ھېچقانداق پائالىيەت ئېلىپ بارماسلىقىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن بالىلىرىنىڭ تەھدىت ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، رابىيە قادىر خانىم ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيىتىگە ھېچقانداق كۈچنىڭ توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يالغۇز ئامېركىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.(ئەقىدە)