2005.06.23

21- ئىيۇن لوندونغا يېتىپ كېلىپ ئەنگىلىيىدىكى پائالىيىتىنى باشلىغان ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم
بۈگۈن ئەتىگەن ھەمرىيى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، قىزى ئەقىدە سىدىق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ھەمدە ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى بىر قىسىم خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باش كاتىپلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەنگىلىيە شۆبىسى شەرقىي ئاسىيا خىتاي بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. رابىيە خانىم يەنە ئەنگىلىيىدىكى ئاساسلىق مەتبۇئاتلاردىن بولغان BBC رادىئو – تېلېۋىزىيە شىركىتى مۇخبىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.