2005.06.21
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى نامىغا ئېرىشكەن رابىيە قادىر خانىم ، ئەنگىلىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ۋاشىنگتوندىن يولغا چىقىپ، 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى يەنى سەيشەنبە كۈنى لوندون شەھىرىگە ساق – سالامەت يېتىپ باردى.
رابىيە خانىم ھەمرىيى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، قىزى ئەقىدە ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەرنىڭ ھەمرالىقىدا ئەنگىلىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ رابىيە خانىم ۋە سىدىق ھاجى ئەپەندىلەر بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.