2005.06.21
HONG-KONG-CHINA-PLA-17.jpg
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيە پاراخودى. AFP

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى دۇنيادىكى تەڭداشسىز ئەڭ كۈچلۈك دېڭىز ئارمىيىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن بىر رىقابەت بولۇپ قېلىش مەسىلىسىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزۈپ، ھەرخىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ.

يېقىندا ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات مەركىزى بۇ تېمىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئالدى. بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن بىر رىقابەت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بەزىلىرى ئەمما بۇنىڭ يەنىلا ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكا جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەت تەتقىقاتچىسى توماس مەنكېن، قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ تۈپ ئىقتىدارىنىڭ، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىتتىپاقداشلىرىنى رازىلىق بىلەن ھەمكارلىشىشقا كۆندۈرۈش ۋە دۈشمىنىنى يېنىكلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا پېتىندۇرماسلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە «مېنىڭچە، بىر قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسى بىر پارچە ئوقمۇ چىقارماي تۇرۇپ، دۈشمىنىنى جەڭ ئېلان قىلىشقا پېتىنالمايدىغان قىلالايدۇ» دەپ بىلدۈردى.

يېقىنقى يىللاردا خىتاي، دېڭىز ئارمىيىسىگە كۆپ خىراجەت ئاجراتتى

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان بەزى مۇتەخەسسىسلەر يەنە، ئىقتىسادىي تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ھازىر دېڭىز ئارمىيە تەرەققىياتىغا زور خىراجەت ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن بىر چوڭ رىقابەت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى ئامېرىكا ئۈچۈن رىقابەت ۋە تەھدىت دەپ قارايدۇ؟ باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ئاممىۋىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى بولغان «ئىستراتېگىيە ۋە خامچوت باھالاش مەركىزى» دىكى دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى روبېرت ۋولك بۇ مەسىلىنى تارىخىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ چۈشەندۈردى.

روبېرت ۋوك ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىز تارىختىن بۇيانقى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دېڭىز ئارمىيە كۈچى رىقابىتىگە قارايدىغان بولساق، بىز شۇنى بايقايمىزكى، دېڭىز ئارمىيە كۈچى ئىلغار بىر دۆلەت ئالدى بىلەن تۆت ئەتراپنى كۆزىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىدىن ›مېنىڭ كېيىنكى ھۇجۇم قىلىش نىشانىم كىمۇ؟‹ دەپ سورايدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تاكى 1924 – يىلىغىچە ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى پىلانلاپ كەلگەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئادەتتە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پائالىيىتى داۋاملىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى كۆزىتىدۇ ھەمدە كۆڭلىدە ›ئۇرۇش بولمايدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ، ناۋادا ئۇرۇش قىلماي ئامال يوق بولۇپ قالغاندا قارشى تەرەپ بىلەن قانداق ئۇرۇش قىلىش كېرەك‹ دېگەننى ئويلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا بولۇپمۇ دېڭىز ئارمىيە تەرەققىياتىنىڭ تەھدىتىگە ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرۈشى مۇقەررەر».

خىتاي ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچىمەكتە

خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۆتكەنكى 10 يىلدىن بۇيان ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقى بايقىغان. خىتاي دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاجرىتىۋاتقان خىراجىتىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا. ئەلۋەتتە بۇ، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

ئەمما مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى، خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاۋىئاماتكىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى تاللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەڭ كۈچلۈك چېغىدا ئاۋىئاماتكىلىق ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، گەرچە ئاۋىئاماتكىنى ياسىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرى ئاۋياماتكىلىق ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئېرىشىش تىرىشچانلىقى يەنىلا مەغلۇب بولغان. مۇشۇ سەۋەپتىن ئانالىزچىلار، خىتاينىڭمۇ ئوخشاش چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھازىرچە ئاۋىئاماتكىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى تاللىيالمايدۇ

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتى قىسمىنىڭ سابىق قوماندانى كارىل خالسىنگ، ئەگەر خىتاي ھەقىقەتەن ئاۋىئاماتكا ياساش ئىستراتېگىيىسىنى تاللىسا، ئۇ چاغدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، «شەخسەن مەن ئۆزۈم خىتاينى بۇ يولنى تاللاشقا رىغبەتلەندۈرۈشۈم مۇمكىن. چۈنكى بۇ ناھايىتى قىممەت باھالىق بەدەل تۆلەيدىغان بىر ئىستراتېگىيە. بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ يولنى تاللاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆردۇق. ئەمما نەتىجىدە ئۇلار ئىزچىل غەلىبە قىلالماي كەلدى» دېدى.

گەرچە مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رەسمىي يوسۇندا تېخى خىتاينى تەھدىت دەپ ئېلان قىلغىنى يوق.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش قىسمىنىڭ باشلىقى ۋېين كلارك «مەن شۇنى كۆرسىتىمەنكى، خىتاي بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس. لېكىن خىتاي ھازىر ناھايىتى ئىقتىدارلىق بىر دېڭىز يۈزى كۈچىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ نۇقتىغا سەل قارىساق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئاساسلىقى قۇرۇقلۇقتا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە كۈچ چىقارماستىن ئەكسىچە، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇلار بىز نەزەردىن ساقىت قىلساق بولمايدىغان مەسىلىلەر» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەربىي خىراجىتى ئېلان قىلىنغاندىن 10 نەچچە ھەسسە كۆپ

خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 – يىللىق ھەربىي خامچوتىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا يەنە ئۆستۈرۈپ، 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما چەتئەلدىكى ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەربىي خىراجىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئون نەچچە ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)