2005.06.20

ئاتاغلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، ئەنگلىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋاشنگتوندىن لوندونغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، رابىيە قادىر بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئەنگىلىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بۇ دۆلەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈشىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.