2005.06.17
بىز ئىلگىرىكى پروگرامملىرىمىزدا پوسكام نېفىت بازار 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «مىللىي بۆلگۈنچى» نامى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازاغا ئۇچرىغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى ھەم ئابدۇللا جامال ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن ئىدۇق.
كەپسىز بالىلار ئوتتۇرسىدىكى دەتالاش مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ھېسابلىنامدۇ؟
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ۋەقەلىك جەريانى مۇنداق بولغان:
پوسكام نېفىت بازار 1- ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا 3 – يىللىقنىڭ بىر قانچە ئوقۇغۇچىسى، 3 – ئاينىڭ 12 -كۈنى مەكتەپ سىرتىدا بىر قانچە خىتاي ئوقۇغۇچى بىلەن پۇتبول ئويناش جەريانىدا ئۇرۇشۇپ قالىدۇ. بۇ كەپسىز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دائىما يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى توقۇنۇش ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» دەپ قارىلىپ جىددىي تۇتۇلىدۇ، ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇيغۇر بالىلار ساقچى دائىرىلىرى تەرىپدىن سورا ق قىلىنىپ، نەتىجىدە تۆت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى خىتاي تۈرمىسىگە ئېلىنغاندىن باشقا، بۇلارغا دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن تۆت ئوقۇتقۇچىمۇ «ئوقۇغۇچىلارنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتكەن» دەپ قارىلىنىپ خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ. ۋەقەگە قاتناشقان قالغان ئوقۇغۇچىلارمۇ مەكتەپتە ئوخشىمىغان جازاغا ئۇچرايدۇ.
بۇ ۋەقە دەل، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش پائالىيەتلىرىنى تازا ئەۋجىگە كۆتۈرگەن مەزگىلىگە توغرا كەلگەن.
نۆۋەتتە، پوسكام نېفىت بازار 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ بىراقلا تۆت ئوقۇغۇچى ھەم تۆت نەپەر قابىل ئوقۇتقۇچىلاردىن ئايرىلدى، ئۇلارنىڭ تەقدىرى قاراڭغۇلاشتى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن بېكىتكىنى » مىللىي بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى.
بىز پوسكام نېفىت بازار 1 – ئوتتۇرا مەكتەپكە قايتا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇقۇچىلار ھەم ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قانداق بىر ئىنكاس قوزغىغانلىقىنى سورىماقچى بولدۇق. ئەمما تېلېفوننى ئالغان بىر مەسئۇل خادىم ناھايىتى جىددىيلىشىپ، «ھازىر مەكتىۋىمىزنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئىدىيىسى ياخشى، ئۇ ئىشلارنى ئەمدى سورىماڭلار…» دەپ تېلېفوننى قويدى.
بالىلار نېمە ئۈچۈن جازالاندى؟
3 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىكى ۋەقەنى كۆرگەن، ھەم ئۇنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار بىر ئۇيغۇر بالا، ۋەقەلىك جەريانىنى بىزگە سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى ساقچىلارنىڭ «نېمە ئۈچۈن خىتاي بالىلارنى ئۇرىسەن؟» دەپ سوراق قىلىش جەريانىدا، «بىز خىتايلارغا ئۆچ» دېگەن ئىمىش. شۇ بىر ئېغىز سۆز تۈپەيلى تۇتۇلغان ئوقۇغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى «مىللىي بۆلگۈنچى» ئاتىلىپ قاتتىق جازاغا ئۇچرىغان.
ۋەقە بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار نېمە ئۈچۈن جازالاندى
بۇ بالىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەگە بىۋاستە چېتىشلىق بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ جازاغا ئۇچرىشىدىكى سەۋەب، ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەشكە بارغان. بۇ جەرياندا بەزىلەر ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدىن «دەرستىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى سىڭدۈرىدۇ» دەپ چېقىشتۇرغان ئىكەن. مانا بۇ ۋەقە دەل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تەشۋىقات ئېيى مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بۇ باھانىدا قاتتىق جازاغا ئۇچرىغان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت ھەم ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىنكاسى
بىز قەشقەر پوسكام جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، پوسكام نەفىتلىك ساقچى دائىرىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىن 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلارنى قايسى تارماقلارنىڭ تۇتقانلىقى ھەم سوراق قىلغانلىقىنى، قايسى سوت ئورنىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى بىر قانچە قېتىم تېلېفون قىلىپ سورىغان بولساقمۇ، ئۇلار ھازىرغا قەدەر مۇنداق بىر ۋەقەنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.
يوشۇرۇن ئىنكاسلار
ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، پوسكام جۇغراپىيىلىك جەھەتتە قەشقەرگە قارىسىمۇ، ئەمما پوسكام نېفىتلىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش جەھەتتە خىتاينىڭ دۆلەتلىك تارىم نېفىت قوماندانلىق شىتابىغا قارايدىغان بولغاچقا، نېفىتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى ھەم ئوقۇتقۇچىلارنى قولغا ئېلىش ھەم سوتلاشقا، كورلىدىكى تارىم نېفىت قوماندانلىق شىتابىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن بىۋاستە ئۇقتۇرۇش چۈشكەن ئىكەن.
پوسكام نېفىت 1 -ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، پوسكامدا غۇلغۇلا قوزغىغان بولسىمۇ ئەمما، سىياسىي مۇھىت تۈپەيلى ئامما بۇ ھەقتە ئوچۇق – ئاشكارا پاراڭلىشالمايدىكەن. ئۇ كىشى -1 ئوتتۇرىدا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ۋەقە سەۋەبىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئۆكۈنۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى چېقىشتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخمەقلىقىدىن، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتە ئېغىر ناھەقچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئېچىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن كورلىدىكى تارىم نېفىت قوماندانلىق شىتابىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، پوسكام نېفىتلىكىدىكى ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى سورىدۇق. جىنايى ئىشلار بۆلۈم باشلىقى «پوسكامدا بولغان ۋەقەدىن خەۋىرىم يوق» دەپ جاۋاب بەردى. (گۈلچېھرە)