2005.06.14

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 – يىلدىن 2010 – يىلغىچە خىتاينىڭ 11 – بەش يىللىق پىلانى ئىچىدە قۇمۇلدىن لوپنۇرغا تۆمۈريول ياتقۇزىدىكەن شۇنداقلا قەشقەردىكى تۆمۈريولنى خوتەنگە قەدەر تۇتاشتۇرىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رەيھان يۈسۈپ، تۆمۈريولنى لوپنۇرغا تۇتاشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسەت، مەزكۇر رايونىنىڭ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان كالىيلىق تۇز بايلىقىغا موللىقىدۇر، دەپ كۆرسەتكەن.

رەيھان يۈسۈپنىڭ تەكىتلىشىچە، دۆلەت كورلا بىلەن قەشقەر ئارىسىغا تۆمۈريول ياتقۇزۇشنى پىلانلىغاندا كىرىمنىڭ چىقىمنى قامدىيالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن. ئۇ، «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا تۆمۈريول ياسش توغرا بولغان،» دەپ تەكىتلىدى. ئەمما قەشقەرگە تۆمۈريول ئاپىرىش، مۇھىت ئاسرىغۇچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، بۇ يىل ئاپرىلدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا كورلا – قەشقەر تۆمۈريولىنى تەنقىد قىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق، مۇھىتنى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك قارغۇلارچە تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياراتتى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2004 – يىلى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلگەن خىتاي يولۇچىلارنىڭ سانى 12 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا ٪ 23 ئاشقان. (ئەركىن)