2005.06.14
10-ماي كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچىدىكى بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئابدۇرېھىمجان قاۋۇل ئىسىملىك 26 ياشلىق ئۇيغۇر ياشنى تۇتۇپ كەتكەن.
ئابدۇرېھىمجان يۈزىگە نىقاب تارتقان بىر توپ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندا، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئايالى ۋە تۇغۇلغىنىغا بىر كۈن بولغان كەنجى بالىسى يىغلاپ قالغان.
سۋىتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابدۇرېھىمجاننىڭ يېقىن دوستىدىن بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلىدى.