2005.06.13
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوسكام ناھىيىسىدىكى نېفىت بازار 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 4 نەپەر ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇشتلاشقانلىقى ئۈچۈن 2 يىلدىن 3 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
پوسكامدىكى يەرلىك مەنبەئەلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى نېفىت بازار 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن شۇ رايوندىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا جىدەل – ماجرا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەگە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئارلاشقان شۇنداقلا دائىرىلەر مەزكۇر مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇيدىغان 4 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى «جىدەل – ماجراغا يىتەكچىلىك قىلدى،» دەپ قولغا ئالغان.
ئەدلىيە دائىرىلىرى قولغا ئېلىنغان 4 ئوقۇغۇچىنىڭ 3 نى 2 يىللىقتىن بىرىنى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئوقۇغۇچىلار ھازىر پوسكامدىكى ئۆسمۈر مەھبۇسلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن. ئەمما خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان.
مەزكۇر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن دائىرىلەر پوسكام ناھىيىلىك نېفىت بازار 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 4 نەپەر ئوقۇتقۇچىسىغا » ئوقۇغۇچىلارنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتكەن،» دېگەن نام بىلەن مەمۇرىي جازا بېرىپ، ئايگۈل ئابدۇغېنى بىلەن ئانارگۈل غوپۇرنى پوسكام ناھىيىلىك 3 – باشلانغۇچ ۋە 2 – ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تازلىق ئىشچىسى قىلىپ چۈشۈرگەن. ئابدۇللا جامال بىلەن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇراخماننى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىغان. (ئەركىن)