2005.06.13
پوسكام نېفىتلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ، 3 – ئاينىڭ -12 – كۈنى بۇ مەكتەپنىڭ بىر توپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ سىرتىدا بىر توپ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. توقۇنۇشتىن كېيىن 1 – ئوتتۇرنىڭ ئون نەچچە ئوقۇغۇچىسى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، سوراق قىلىنغان. ئەمما خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىمىغان.
قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، قورامىغا يەتمىگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن تۆتىگە قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىلىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىغا ئېلىپ كېتىلگەن. پوسكام ناھىيىسىدە بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بار بىر، بۇ ھەقتە بىزگە بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا مىللىي بۆلگۈنچىلىكمۇ؟
ياش- ئۆسمۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى بۇ دەتالاش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىگەن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارئارىسىدىكى بۇ مۇشتلىشىش ۋەقەسى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى دەپ قارىلىپ، 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تۆت ئوقۇتقۇچىمۇ بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن «ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى سىڭدۈرگەن» دەپ ئەيىبلىنىپ جازاغا ئۇچرىغان. ئوقۇتقۇچى ئابدۇللا جامال، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇراخمانلار خىزمەتتىن قوغلانغان. ئايگۈل ئابدۇغېنى، ئانىقىز غوپۇر ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئايال مۇئەللىمنى خىتاي مەكتەپلىرىگە 60٪ مائاش بىلەن تازىلىق ئىشچىلىقىغا ئىككى يىللىق چۈشۈرۈپ سىناقتا قويغان، مەكتەپ مۇدىرى مۇختەر قادىرمۇ بىر مەزگىل تەكشۈرۈشكە تۇرماقتا ئىكەن
يەنە بىر باھانە – ئىدېئولوگىيە بۆلگۈنچىلىكى
ئىگىلىشىمىزچە، 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن خىزمەتتىن قوغلانغان ئابدۇللا جامال ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق يازغۇچى بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى ئۇنى «يازغان ئەسەرلىرىدىمۇ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنى تەرغىپ قىلغان» دېگەن باھانىلەر بىلەن 4 – ئايدا قولغا ئالغان بولۇپ، ھازىرغىچە مەخپىي تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئىكەن.
بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى غەيرەتكە تېلېفون قىلىپ، قولغا ئېلىنغان ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەيىبلىنىش ھەمدە جىنايى جازاغا ئۇچراش سەۋەبىنى سورىدۇق. ئەمما ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
بىز يەنە بۇ ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئالغان پوسكام ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن قولغا ئېلىنغان ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى سورىدۇق. ئەجەپلىنەرلىكى تېلېفوننى ئالغان ساقچى خادىم، بۇنداق بىر ۋەقە بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
مەخپىي تۇتۇلغان چوڭ ۋەقە
1 -ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بىر ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىرلا ۋاقىتتا شۇنچە كۆپ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ھەم جازاغا ئۇچرىشى ھەقىقەتەن بىر چوڭ ۋەقە بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر مەزكۇر ۋەقەنى ناھىيە ئىچىدىلا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلماقتا ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، بىز مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش جەريانىدا نۇرغۇن توسقۇنلۇققا ئۇچرىدۇق.
كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەزكۇر ۋەقەگە چېتىشلىق بولغان ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، يەنىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلار يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. (گۈلچېھرە)