2005.05.27
تۈركىيىدە نەشر قىلىنىدىغان «رادىكال» گېزىتىنىڭ 22-مايدىكى سانىدا، تۈرك ئوبزورچىسى ئاۋنى ئۆزگۈرئەلنىڭ «تۈركىستاندا ئىشغال ۋە ئىسيان» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ئۆزگۈرئەل ئەپەندى ماقالىسىدا تۈركىستاننىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ تارىختىكى مۇستەقىل دۆلەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ غەربدىكى چېگرىسىنىڭ سەددىچىن سېپىلى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئوبزورچى ئاۋنى ئۆزگۈرئەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.