2005.05.27
رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى خەۋەرلەر
ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن بىر ھەپتىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
ئۆتكەن جۈمە يەنى 20-ماي كۈنى ئۇ، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نىيوركتىكى ئاكتىپلار يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. رابىيە قادىر خانىم يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.ئۇ، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە باشقا مەسىلىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن خەلقارا جەمىيەتنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم تۈرلۈك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
23-ماي كۈنى رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە قۇرغان ئەقىدە شىركىتىنىڭ بىر قانچە نەپەر خادىملىرىنىڭ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن دەخلى-تەرۈزگە ئۇچراۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر شىركەتنى «بانكىنى ئالداپ قەرز ئالغان «دەپ ئەيىپلىگەنلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر داۋا پائالىيىتىنى توسۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرىيى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن باياناتنى ئاڭلاتتى.
باياناتنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى يەنە بىر مۇھىم پائالىيىتى شۇكى، ئۇ 25-ماي كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى سابىق چېخ پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان مۇراسىمغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ۋاسلاۋ ئەپەندى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
رابىيە قادىر خانىم قاتناشقان بۇ مۇراسىمغا يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن روبېرت بېننېت ۋە باشقا مۇھىم ئەربابلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2004-يىللىق يەر شارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە 300 بەتلىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. بۇ دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭمۇ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قاتتىق زەربە بېرىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى ئاساس قىلغان قاتتىق زەربە بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ئۇچۇرنى شىنجاڭ گېزىتىدىكى خەۋەردىن ئالغان . شىتابى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى 18-ماي كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەشتنىڭ ئالدى كەينىدە ھەر خىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تورلىرى ئاساسەن دېگۈدەك خىتايچە بولماقتا
تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە 1777 تور بار بولۇپ، بۇنىڭ 1700 ئى يەنى 95٪ خىتاي تىلىدا ئىكەن. مىللىي تىللاردىكى 88 بولۇپ، ئۇيغۇرچە تىلدىكى تورلار ئاران 66 ئىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرچە ئىنتېرنېت تورلىرىنىڭ مەزمۇنىغا بولغان قامال قىلىشنى كۈچەيتكەن . گەرچە ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى رەسمى خىزمەت تىللىرىنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە باشقا نازارەت ئىدارىلەرنىڭ تور بەتلىرى پەقەت خىتاي تىلىدىلا چىقىرىلىپ، ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلمىگەن. شۇڭا، ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەسمى تور بېتىدە پەقەت «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» دېگەن ئۇيغۇرچە جۈملىدىن باشقا ئۇيغۇرچە ھېچ نېمە يوق بولۇپ، پۈتۈنلەي خىتاي تىلى ئىشلىتىلگەن.
ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرىغا قۇددۇس غوجامياروپنىڭ نامى بېرىلدى
قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتادىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىغا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى قۇددۇس غوجامياروپنىڭ نامى رەسمى بېرىلدى ھەمدە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
قۇددۇس غوجامياروپ، ئۆمۈر بويى سىمفونىيە ئىجادىيىتى ۋە باشقا ئىجادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مەزگىل قازاقىستان دۆلەتلىك مۇزىكا ئىنستىتۇتىنى باشقۇرغان ھەمدە پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىلگىرى كېيىن «رىزۋانگۈل»،» تەكلىماكان» قاتارلىق سىمفونىيىلەرنى ئىجاد قىلىپ، زور شۆھرەت قازانغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسى دېگەن نامغا شۇنىڭدەك ستالىن مۇكاپاتى ۋە قازاقىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مۇكاپاتلىرىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. بۈگۈنكى قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن ئاتاقلىق مۇزىكانتلىرى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىسلام كېرىموف بېيجىڭنى زىيارەت قىلدى
25-26-ماي كۈنلىرى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف خىتاينى زىيارەت قىلدى. ئىسلام كېرىموف ئەندىجاندىكى ئاممىۋى ھەرىكەتنى باستۇرۇپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغاندىن كېيىنكى ئۆزىنىڭ تۇنجى چەت ئەل زىيارىتى ئىنسان ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىنىڭ بۇزۇلۇشى جەھەتتە چېمپىيون ھېسابلىنىۋاتقان خىتايدىن باشلىدى. بېيجىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىشقا سازاۋەر بولغان .ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەزكۇر ئاتاقلىق دىكتاتۇرى شۇ كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن رەسمى كۆرۈشۈپ، ئىككى مەملىكەتنىڭ ھەر ساھە بويىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، تېررورىزىم، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش قاتارلىق كۆپ مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە «ئۆزبېكىستان-خىتاي دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»گە ئىمزا قويدى.
ئىككى تەرەپ يەنە تېررورىزىم، دىنىي ئەسەبىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشقا پۈتۈشتى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە، ئىنسان ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي توقۇمچىلىق ماللىرى ماجراسىغا ئاخىرقى چەك قويدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى چارشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن بولغان توقۇمچىلىق ماللىرى ھەققىدىكى ماجراغا ئاخىرقى چەك قويۇپ، بۇ مەسىلىنى 31-مايغىچە سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش، بولمىسا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي توقۇمچىلىق ماللىرىغا بولغان چەك بۇ يىل 1-ئايدا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ماللىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانى شىددەت بىلەن قاپلاپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا مەملىكەتلىرىدىكى توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئورۇنلىرى خىتاي توقۇمچىلىق ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشقا چەك قويۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان. (ئۈمىدۋار)