2005.05.26

CORREX-CHINA-UZBEKISTAN-54.jpg
26-ماي كۈنى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباي، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بىلەن.AFP

خەلقئارا جەمئىيەت، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموفنىڭ ئەنجاندىكى نامايىشنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش توغرىسىدىكى بېسىمىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر چاغدا، پرېزىدېنت كېرىموف خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قىزىل گىلەم بىلەن كۈتۈۋېلىشىغا سازاۋەر بولدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، كېرىموفنى 13 – مايدا يۈز بەرگەن ئەنجاندىكى قىرغىنچىلىقنىڭ 13 – كۈنى «كونا دوستلارغا» خاس يۇقىرى ئىلتىپات بىلەن كۈتۈۋالدى.

ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسىتىنى قوللىدى

ئىسلام كېرىموف، چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە ھۆرمىتى ئۈچۈن زىياپەت بېرىش شەرىپىگە ئېرىشكەن. كېرىموف، پەيشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، » ھازىر بىز ئوتتۇرا ئاسىيادا بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز،» دېدى. كوڭ چۈئەننىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزبېكىستان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللايدىكەن.

كوڭ چۈئەن: » شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى جوڭگودا نۇرغۇن قېتىم تېررورلۇق ۋەقەلەرنى ئېلىپ باردى. ئۆزبېكىستان تەرەپ جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى تولۇق چۈشۈنىدۇ ۋە قوللايدۇ،» دەپ كۆرسەتتى. كوڭ چۈئەننىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگىكەن. ئەمما فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، كېرىموفنى قىزىل گىلەم بىلەن كۈتۈۋېلىش دېموكراتىيىگە داغ چۈشۈردى، دەپ يازدى.

رابىيە قادىر: كېرىموف خەلقئارا سوتنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاي – ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنى ئەنجاندىكى ۋەقەنى باھانە قىلىپ، تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىش بىلەن ئەيىپلىدى. ئامېرىكىدىكى ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر مۇنداق دەيدۇ:

«ھازىر كېرىموف ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا –ئاسىيادا ئۇيغۇرغا قارشى ھەرىكىتىنى ئوينىماقچى بولىۋاتىدۇ. ئەنجان ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بۈگۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا كېرىموف زەربە بېرىدىغان بىر ئوبيېكتىغا ئايلاندى. ئۆزبېكىستان ۋەقەلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. كېرىموف بۇ قېتىم ئوينىغان تىياتىرىنىڭ ئېتىكىنى يىغىشتۇرۇۋېتىشى كېرەك….. ئىشقىلىپ كېرىموف خەلقئارانىڭ سوتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ».

ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كېرىموف ھۆكۈمىتىگە ئىھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. كوڭ چۈئەن، » بىز ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش شۇنداقلا تېرورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى ماسلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز،» دەپ تەكىتلىگەن.

ت. كۇمار : ئۇلار ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەيدۇ

ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن شۇنداقلا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندا يوشۇرنىۋالغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى خادىمى ت. كۇمار، «ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئۆزبېكىستاندىكى ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېڭىيىشىنى چەكلەش» دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت كېرىموف، ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى مەيدانىغا ئورتاقلىشىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

14 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى

كېرىموف، بۇ قېتىمقى سەپىرىدە خىتايلارنىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ۋەدىسىگە ئېرىشكەن. ئۆزبېكىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش ئارزۇسىدىكى خىتاي، چارشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان بىلەن 14 خىل كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇ 600 مىليون دوللارلىق نېفىت – تەبئىي گاز توختىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، بېيجىڭنىڭ كېرىموفنى قوللايدىغانلىقىنى جاكالىدى. ئۇ، «جوڭگو ئۆزبېك خەلقى تاللىغان تەرەققىيات يولىنى، مىللىي مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ،» دېدى.

ئامېرىكا بىلەن ش ئا ئو ئە ت، ئەنجداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

شۇ كۈنى، ش ئا ئو ئە ت نىڭ باش كاتىبى شېيفىر، كېرىموفنى ئەنجاندىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە رازى قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا بېسىمنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. شېيفىر مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى شۇنداقلا پرېئىزدېنت كېرىموف، خەلقئارانىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، ئۇلار خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا مەجبۇرىيىتى بار.»

ئامېرىكا، كېرىموف ھۆكۈمىتىنى ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن ئەيىپلىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رىچارد بوۋچېر، » بىزنىڭچە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى قولغا ئېلىش ئارقىلىق پائالىيەتچىلەر ۋە مۇخبىرلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. شۇنى تەكىتلەيمىزكى سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئېچىۋېتىش، تەكشۈرۈشنىڭ ئىشەنچىلىكلىگى ئۈچۈن زۆرۈر،» دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)