2005.05.25
چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان كۈتىۋېلىش مۇراسىمىغا، ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ۋاكلاۋ ئەپەندى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
رابىيە خانىم خاۋېل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندە يەنە، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېمىلىرىدا سۆھبەتلەشتى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا يەنە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى روبېرت بېننېتمۇ قاتنىشىپ، خاۋېلنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىلىرىنى شەرھىلىدى.
ۋاسلاۋ خاۋېل ئەپەندى مەزكۇر مۇراسىمغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كۈتۈپخانىسىدا، كۇبا، خىتاي، بېلارۇس ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. (پەرىدە)