2005.05.24
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسى قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن خىتايدا، كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ئومۇمىيۈزلىك ئەھۋال، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇش، يىغىلىش ۋە دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ » تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەرنى باستۇرۇش بىلەن بىرگە، فالۇنگوڭ قاتارلىق تەشكىلاتلار شۇنداقلا تىزىمغا ئېلىنمىغان خرىستىيان مەزھەبلىرىنىڭ زىيانەكەشلىككە ئۇچۇراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچ ئۇسۇللار پائالىيەت قىلغۇچىلارنى دۆلەتنى ئاغدۇرۇش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئېنىقلىمىسى ئابسكتىراكىت ئۇقۇملار بىلەن جازالىماقتىكەن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 2004 – يىلى 3 – ئايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ھۆرمەت قىلىش، دېگەن ماددىنى خىتاي ئاساسى قانۇنىغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئەمما كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، ئاساسى قانۇنىدىكى ئۆزگۈرۈش بىلەن قانۇننى ئىجرا قىلىنىش ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بارلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)