2005.05.23

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، ئالدىنقى كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نيۇ – يوركتىكى ئاكتىپلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈش تىرىشچانلىقىنى ماختىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھۆرمەتلىك خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، مەن رابىيە قادىر 2005-يىلى 17-مارت كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولدۇق. مەن بۇ كۈننى ۋاشىنگتوندا تۇغۇلغان كۈنۈم قىلىپ بېكىتتىم. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بولۇپمۇ مېنىڭ تۈرمىدىن ئازاد بولۇشۇمغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىنتايىن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. مەن بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە رەھبەرلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن».

بۇ قېتىمقى يىغىننى كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نيۇ – يوركتىكى ئامېرىكا شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان.

ئەقىل پاراسىتى ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئايال

رابىيە قادىر پەۋقۇلاددە ئايال. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى، قەتئىلىكى ۋە جاسارىتى بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەن بىر ئۇيغۇر.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى مايكىل ئورەلىي، تىڭشىغۇچىلارغا رابىيە قادىرنى » پەۋقۇلاددە ئايال،» دەپ تونۇشتۇردى. مايكىل ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «رابىيە قادىر پەۋقۇلاددە ئايال. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى، قەتئىلىكى ۋە جاسارىتى بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەن بىر ئۇيغۇر.»

ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش، ئىش تېپىش ۋە دىنىي ئىبادەت جەھەتتىكى كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن مايكىل ئورەلىي، «ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا،» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇرلار رابىيە قادىرنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشنى قارار قىلدى

رابىيە قادىر كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى نۇتۇقىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 – يىلى 25 – مايدا شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغان كۈنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا قارشى ئەڭ مۇۋاپىق جاۋاب، دەپ قارالدى.»

رابىيە قادىر يىغىندا بىر تىڭشىغۇچىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە قانداق كىرگۈزۈش كېرەك، دېگەن سۇئالىغا جاۋاب بەردى. رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى:

«تىبەت خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىلا، دالاي لاما 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەدىمىنى باشلاپ چىقىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ شارائىتى تىز پىشىپ يېتىلگەن. بىراق بىزنىڭ ئادەملىرىمىز خىتاينىڭ قورشاۋلىرىدا قېلىپ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، دەۋايىمىزنى دۇنياغا تولۇق ئاڭلىتالمىدى. مانا ئەمدى بىز قېچىپ يۈرۈپ خىتايدىن چىقىپ، دەۋايىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتىمىز. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ مۇشۇ بەش يىلدىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خېلى كۆڭۈل بولىۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكا خەلقىگە، پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە مىللىتىمىزنىڭ تارتىۋاتقان دەرتلىرىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىمىز. مانا ئەمدى مەن چىقتىم، بىز ھەممىمىز بىر يەڭدىن باش چىقىرىپ، بىرلىكتە ئىنقىلاب قىلىمىز. شۇنداق بىرلىككە كەلدۇق دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار».

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەقدىرىنى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشى بەلگىلەيدۇ

مەن ئۆزەمنىڭ ئىقتىسادىدىن، سىياسىي ئورنۇمدىن، جوڭگۇدا بەرگەن ئىمتىيازلىرىمدىن خەلقىم ئۈچۈن كەچكەن، خەلقىمنىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرىگە چىدىماي كەچكەن. خەلقىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن گۇناھسىز ئالتە يىل تۈرمىدە يېتىپ چىقتىم. شۇڭا، داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىر پائالىيەتچىسى، رابىيە قادىرنىڭ ئاپتونومىيە ياكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. رابىيە قادىر بۇ سۇئالىغا مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى قانداق پىشىپ يېتىدۇ مەن ئۇنى ئۇقمايمەن. چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان سىياسەت بولىدۇ. ھازىر مېنىڭ پائالىيىتىم پەقەت شۇلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىشىنىمەن تارىخ ھەقىقەت ئۆزى كېلىدۇ، قانداق ئىشلار كەلسە شۇنىڭدىن كېيىن كەلگەندە كۆرىمىز».

رابىيە قادىر يىغىندا بىر تىڭشىغۇچىنىڭ «سودا قىلىش جەريانىدا كاپىتالىزىمنى ئۈگەندىڭىز، سودا بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇناسۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؟» دېگەن سۇئالىغا دۇچ كەلدى. رابىيە قادىر ئۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئىقتىساد بولغاندىن كېيىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا شارائىت بولىدۇ. ئىقتىساد بىر مىللەتنىڭ يۈكسىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مېنىڭچە جوڭگو بىلەن دۇنيانىڭ سودا ئالاقىسى نورمال ئەھۋال. لېكىن، جوڭگۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە تەرەققى قىلىپ باشقىلارنى دەپسەندە قىلىشىغا يول قويماي، سودا جەھەتتە جوڭگۇغا بېسىم ئىشلەتسە، ئۇششاق مىللەتلەرنىڭ دەپسەندە بولۇشىنىڭ ئاز –تولا ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ».

رابىيە قادىر: تەھدىتلەرگە تىز پۈكمەيمەن

ئۈرۈمچىدىكى تىجارىتى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، بۇ بېسىملارغا تېز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بەش بالام ۋە ئىقتىسادىم خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەھدىدىگە ئۇچراۋاتىدۇ. لېكىن، ئىشىنىمەنكى، خەلقئارا ئۇلارنىڭ (خىتايلارنىڭ) ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمايدۇ. مەن ئۆزەمنىڭ ئىقتىسادىدىن، سىياسىي ئورنۇمدىن، جوڭگۇدا بەرگەن ئىمتىيازلىرىمدىن خەلقىم ئۈچۈن كەچكەن، خەلقىمنىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرىگە چىدىماي كەچكەن. خەلقىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن گۇناھسىز ئالتە يىل تۈرمىدە يېتىپ چىقتىم. شۇڭا، داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئەقىدە شىركەتلەر گۇرۇھى» دىكى روزى مۇھەممەد بىلەن ئايشەمگۈل كېرەمنى قولغا ئېلىپ، «ئەقىدە» شىركىتىنىڭ ئىشخانىسىدىكى ھۆججەت ۋە توختامنامىلارنى مۇسادىرە قىلغان. بۇ ۋەقە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا خەت يېزىپ، رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوغداش شۇنداقلا روزى مۇھەممەد ۋە ئايشەمگۈل كېرەملەرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. دۆلەت مەجلىسىنىڭ خېتى رابىيە قادىرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى مايكىل ئورەلىي ، «تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن سىياسى مەھبۇسنىڭ ئائىلە – تاۋاباتىغا زىيانكەشلىك قىلىش بىز دۇچ كېلىۋاتقان تۇنجى ۋەقە،» دەپ كۆرسەتتى. 20 – مايدىكى ئۇچرىشىش خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ نيۇ – يورك شەھىرىدىكى ئامېرىكا شۆبىسى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۇلدى. (ئەركىن)