2005.05.23

كىشىلىك ھوقۇق ۋە رابىيە قادىر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن كرىستوفېر سمىس ۋە توم لەنتوس قاتارلىقلار جۈمە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا كوللىكتىپ ئىمزالانغان ئوچۇق خەت يوللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، رابىيە قادىرنىڭ ئائىلىسى ۋە شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاۋارە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى شەرتسىز ھالدا دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى يازغان.

مەزكۇر خەتتە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنى تۇتۇپ كېتىشىنىڭ خىتاي قانۇنىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا قانۇنغىمۇ خىلاپ ھەرىكەت ئىكەنلىكى يېزىلغان.

خەتتە يەنە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئەقىدە ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، 7 ئايلىق بوۋاقنىڭ ئانىسى ئايشەمگۈلنى چېچىدىن يۇلۇپ سۆرەپ ئېلىپ كەتكەنلىكى ئەيىبلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە يېقىنلىرىغا زەربە بېرىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋېن جياباۋغا يازغان بۇ خېتىدە يەنە، خىتاي تەرەپنىڭ رابىيە قادىرنى بۇ يىل 5 – ئايدا قويۇپ بېرىشى، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا پايدىلىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ رابىيە قادىر شىركىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىيالىشىغا بولغان ئۈمىدىنى يەردە قويغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئوچۇق خەتتە يەنە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنى داۋاملىق قىلىۋەرسە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ، جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاينى ئەيىبلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى يېزىلغان. (پەرىدە)