2005.05.23
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە قۇرغان ئەقىدە شىركىتىدىكى خادىملارغا دەخلى- تەرۈز يەتكۈزگەنلىك خەۋىرىنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن، رابىيە قادىر دۈشەنبە كۈنى بۇنىڭغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
رابىيە قادىر باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر شىركەتنى بانكىنى ئالداپ قەرز ئالغان دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئەقىدە ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ھېچقاچان قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭغا چەتئەلدە ھېچقانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى، بولمىسا ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە شىركىتىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى يېزىلىپ، رابىيە قادىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يولىدىكى كۈرىشىنىڭ ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن بۇ باياناتنى بىزگە ئاڭلاتتى.