2005.05.22

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى يەكشەنبە كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە قۇرغان ئەقىدە شىركىتىدىكى خادىملارغا دەخلى- تەرۇز يەتكۈزگەنلىك خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى.

بۇنىڭ ئالدىدا رادىيومىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 13 – ماي كۈنى ئەتىگەن رابىيە – قادىر سودا سارىيىنى قورشاۋغا ئېلىپ، مەزكۇر سودا سارايدىكى ئەقىدە ھەسسىدارلىق شىركىتىگە بۆسۈپ كىرگەنلىكى ۋە شىركەتنىڭ مال- مۈلۈكلىرىنى ئاختۇرۇپ، پۇل ۋە مۇھىم ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بولسا، ئەقىدە شىركىتىنىڭ خادىملىرى ئايشەمگۈل ۋە روزى مەمەتنىڭ قەرز ئېلىشتا ئالدامچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۈستىدىن نازارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار بۇ ئىككىيلەننى 2002 – يىلى 11 – ئايدا ۋە 2003 – يىلى 4 – ئايلاردا يالغان ئىسپات ياساپ، بانكىدىن 10 مىليون يۈئەندىن ئارتۇق قەرز پۇل ئالغان دەپ كۆرسەتكەن.

جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، ئۇلارنى قوپاللىق بىلەن تۇتۇپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئىنكار قىلىپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنى بۇرمىلىدى دەپ بىلدۈرمەكتە.

ئەمما، بۇنىڭ ئالدىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر شاھىت ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئەقىدە شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئايشەمگۈلنىڭ چېچىدىن تارتقان پېتى ماشىنىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ئەقىدە شىركىتى خادىملىرىنىڭ تۇتۇلۇشى، ئەمدىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا كەلگەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا. (ئارزۇ)