2005.05.20

19-ماي كۈنى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتى بىرلىكتە ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەرىپىگە كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. پائالىيەت خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ۋانشىنگتون شەھىرىدىكى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە خانىم 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم قارشى ئېلىندى. بۇ قېتىمقى قارشى ئېلىش يىغىلىشىنى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتى (ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەكىلى بولمىغان مىللەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇپ – ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلات) بىرلىكتە ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ۋە خەلقئارالىق جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇردى.
تەبتىكلەر ۋە تەشەككۈرلەر
بۇ تەنتەنىلىك يىغىلىش خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئىچكى موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسنىڭ ۋەكىللىرىدىن 6 كىشى قاتناشتى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن كۇمار ئەپەندىمۇ قاتناشتى. بۇ يىغىلىش ئۈچۈن مەززىلىك تائاملار تەييارلانغان ئىدى
ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە خانىمنى كۈتۈۋېلىش يىغىلىشىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى بۇچۇڭ سېرىن ئەپەندىگە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن يۇقىرى ئابرۇيلۇق توم لەنتوس، فرېنك ۋولف ئەپەندىلەرگە، خەلقئارالىق جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى لورېن كرېينىئېر ئەپەندىگە ۋە باشقا ئېزىز مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىگەۋە دۇنياغا يەنە بىر قېتىم بايانات
نۇرى تۈركەل ئەپەندى خەلقئارالىق تىبەت ھەرىكىتىنىڭ مۇشەققەتلىك خىزمەتلەر ئارقىلىق ناھايىتى چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيادا ئابروي قازانغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ ھازىر ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىمۇ مۇشۇنداق بىر كۆركەم ئىش بىناسى بولغانلىقىغا ۋە بۇ يىغىلىشىنى مۇشۇ كۆركەم بىنادا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە ئىككى ئەۋلاد ئۇدا ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخىن شەھرىدىن كېلىپ بۇ يىغىلىشقا قاتناشقانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى مېھمانلار ئالدىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتنىڭ تىنچ يول بىلەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى – ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولىدىغان كەلگۈسىنى يارىتىدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا، ھازىر يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە خانىمنىڭ خىزمەتچىلىرىنى تۇتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تىبەت ھەرىكىتى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ مۇدىرى بۇچۇڭ سېرىن ئەپەندى سۆزىدە، بۇ يىغىلىشتا تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇر بىللە بولغانلىقىنىڭ تەسادىپىي ئىش ئەمەسلىكىنى، سېرىن ئەپەندى 90 – يىللاردىن تارتىپ ئۆزى نەگە بارسا ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنى شۇ يەردە كۆرىدىغانلىقىنى، تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇدا ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۆزلىرنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىرنىڭ روھى – ئۇيغۇر روھىنىڭ ئەمەلىي شەكلى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر -تىبەت مۇناسىۋىتىنىڭ قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى، ھازىرمۇ رابىيە خانىمنى بىرلىكتە قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە رابىيە قادىر خانىم بىلەن 1992 – يىلىدا تاشكەنتتە، 96 – يىلىدا بېشكەكتە ئۇچراشقاندا، رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆزلىگەن نىشانىغا ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن رابىيە خانىمنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر جىنايەتچى دېدى، ئۇ جىنايەتچى ئەمەس ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنىڭ جىنايەتچى ئەمەسلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇ ھازىر بىز بىلەن بىللە، ئۇنىڭ روھى ھازىر تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ. ئۇنىڭ روھى ئۇيغۇر روھىنىڭ ئەمەلىي شەكلى» دېدى. شۇنداقلا يەنە، ئۇيغۇرلار ھازىر تىبەتلەر بىلەن ئوخشاش يامان ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، تىبەتنىڭ مەسىلىسى ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ۋە ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارالىق جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتنىڭ رەئىسى كرېينىئېر ئەپەندى سۆزىدە 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن رابىيە قادىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىگە ئېلىنغان ئىدى، دېدى. ئۇ يەنە سۆزىدە، رابىيە قادىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا خۇددى دالاي لاما، نەلسون مەندالا، ئانسەن سۇجىلاردەك كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كىشى دېدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە خانىممۇ بۇ يىغىلىشتا سۆز قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر خەلقنى نامراتلىقىتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان شىجائەتلىك خانىم . ئۇ «مىڭ ئانىلار» ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتقاندا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن قولغان ئېلىنغان. ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تۈرمىسىدە 5 يېرىم يىل مەھبۇسلۇق ھاياتىنى باشتىن كۆچۈرۈپ، 2005 – يىلى 17-مارت كۈنى ئەركىنلىككە ئېرىشتى. رابىيە خانىم ھازىر 11 بالىسىنىڭ 6 سى بىلەن بىللە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ ياشاۋاتىدۇ. (ۋەلى)