2005.05.20
قەھرىمان ئانا رابىيە قادىر ئۈچۈن يەنە مۇراسىم
ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن بىر قاتار قىزغىن ۋە داغدۇغىلىق كۈتۈۋەلىش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.
19-ماي كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ۋە خەلقارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشى بىلەن، ۋاشىنگتون شەھىرىدە رابىيە قادىر خانىم ئۈچۈن مەخسۇس كۈتۈۋەلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي ئەزالىرىدىن توم لانتوس، فرانك ۋولف ۋە سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورن كراينېر قاتارلىق ئەربابلار بۇ مۇراسىمنى قوللىدى. سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورن كراينېر ئەپەندى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، رابىيە قادىرنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
بۇ مۇراسىمغا ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، تىبەت پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە مۇخبىرلاردىن بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق تەقدىرداش خەلقلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلۇۋاتقانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.
سەيشەنبە كۈنى يەنە رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ئايال ئادۋوكاتلار جەمىيىتىنىڭ يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، يىغىن ئەھلى ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى.
كاندادىكى پائالىيەتلەر
ئۆتكەن جۈمە كۈنى كانادا پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا كانادا پارلامېنت ئازالىرى، ئالىملار ۋە 19 دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. بۇ يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىيىتى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يەكشەنبە 15-ماي كۈنى بولسا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا بىر قىسىم ئالىملار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپ تېكىن سۆز قىلدى.
ئۆتكەن ھەپتىدە يەنە ئەركىن ئالىپتېكىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە رابىيە قادىرنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئۆزبېكىستان ۋەقەلىرى
ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان شەھىرىدە ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بېرىپ، نامايىشچى ئامما ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشىغا دۇچ كەلدى. ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەندىجان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋەقەلەردە 700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. بىراق ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلماقتا.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچى ئاممىغا قورال ئىشلىتىشى خەلقارا جەمىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكلىرى كەرىموپنى تەنقىد قىلدى ھەمدە ئۇنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەندىجانغا تەكشۈرۈش خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ۋەقەنى ئېنىقلاش كېرەكلىكىنى ئىزچىل تەكىتلىمەكتە.
ئەندىجان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا خەلسىنكى كومىتېتى ئۆزبېكىستان ھەققىدە مەخسۇس گۇۋالىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن . بۇ يىغىندا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرىستوپەر سمىت ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ،ئىسلام كەرىموپنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش كېلىشىمى تۈزۈپ، تېررورىزىمغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا پۈتۈشكەنلىكىنى، لېكىن ئۇ جايدىكى ۋەزىيەتتە ھازىر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ كەرىموپنىڭ غەربنىڭ ئۆزبېك جەمىيىتىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەكلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن پەقەت بىر قانچىلا مۇستەقىل ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش گۇرۇپپىلىرىنىلا تىزىملىغانلىقى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئورگىنىنىڭ ئۆزبېكىستانغا بېرىپ، ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرى خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا خىتاينى پۇلغا بولغان كونتروللۇق مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
بۇش ھۆكۈمىتى خىتاينى خەلق پۇلىنى مەقسەتلىك كونتروللۇق قىلىۋېلىشى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئەگەر خەلق پۇلى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. (ئۈمىدۋار)