2005.05.19
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى پەيشەنبە كۈنى بىرلىكتە، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى يېڭى خىزمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇراسىم، يەنە ئامېرىكىدىكى داڭلىق پارلامېنت ئەزالىسى توم لەنتوس، فرەڭك ۋولف، ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورىن كۈرەينېر قاتارلىق ئەرباپلارنىڭ قوللاپ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
مۇراسىمغا فرەڭك ۋولف قاتارلىق ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى،ئامېرىكا سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنىستېتوتىنىڭ پرېزىدېنتى لورىن كۈرەينېر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى. مۇراسىمغا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتىكىن ئەپەندىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلدى. مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلار، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
رابىيە قادىر خانىم مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۆزىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)