2005.05.18

ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئايال ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، يۈزدىن ئوشۇق مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
«يول باشلىغۇچى ئاياللار» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ئاساسلىقى، ئامېرىكىدىكى ۋە پۈتۈن خەلقئارادىكى ئادالەت ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جۈرئەت قىلغان ئاياللارنى تەقدىرلىگەن.
يىغىن رىياسەتچىسى يېقىندا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدىكى تۆھپىلىرىنى شەرھىلىگەن. شۇنداقلا يىغىنغا قاتناشقان بارلىق مېھمانلار ئۇنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالغان.
ۋاشىنگتون ئايال ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى 1917 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى، كەسپىي غۇرۇرنى ساقلاش، ئايال ئادۋوكاتلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش شۇنداقلا ئەزالار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار. (پەرىدە)