2005.05.18

erkin-dick.jpg
ئەركىن ئەپەندى رادىئونىڭ پرېزىدېنتى دىك رېكتېر ۋە ئۇيغۇر بۆلۈم باشلىقى دولقۇن ئەپەندى بىلەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، 17 -ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمان ئانىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچراشتى.

ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى پىلان ھەم ئىستراتېگىيىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى 18 – ماي كۈنى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، رادىئونىڭ پرېزىدېنتى دىك رېكتېر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

بۇ پروگراممىمىزدا، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ بىر قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىدۇ.