2005.05.13

خىتاي ساقچىلار پەيشەنبە كۈنى بۇ يىل 3 – ئايدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سودا سارىيىغا بېسىپ كىرىپ، «ئەقىدە شىركەتلەر گۇرۇھى» نىڭ ئىشخانىسىدىكى ھۆججەت، توختامنامە ۋە ئارخىپلارنى شۇنداقلا بىخەتەرلىك ساندۇقىدىكى 32 مىڭ سوم پۇلنى ئېلىپ كەتكەن. رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن رابىيە قادىر سودا شىركىتىنىڭ ئىككى خادىمى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. شۇ كۈنى ساقچىلار جوڭگو بانكىسىنىڭ بىر خادىمى بىلەن بىر ئامانەت قەرز ۋاكالەتچىلىك شىركەتنىڭ مەسئۇلىنى قولغا ئېلىپ، رابىيە قادىرنىڭ شىركىتىنى قەرز سوممىسى بىلەن تەمىنلىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئىگىلىشىمىزچە قولغا ئېلىنغانلار جوڭگو بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسىدىكى ئامانەت قەرز تارتىقىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى كەرىمە بىلەن، جوڭيۈئەن ۋېييۆي ئامانەت قەرز ئىشلار ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى شۈي پەمىلىلىك ئايال ئىكەن. يۇقىرىقىلار، «ئەقىدە شىركەتلەر گۇرۇھى» غا بېرىلگەن بانكا ئامانەت – قەرز توختىمىنى بىكار قىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى خادىمى ت .كۇمار، » بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىدى رابىيە قادىرنىڭ ئاغىزىنى ئېتىش شۇنداقلا ئۇنىڭ تىجارىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش،» دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇنى بۇ يىل 3 – ئايدا قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ، «ئەگەر سەن ئامېرىكا بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا دائىر سەزگۈر مەسىلىلەرنى تىلغا ئالساڭ ، ئۈرۈمچىدىكى تىجارىتىڭ ۋە بالا – چاقىلىرىڭنى ۋەيران قىلىۋېتىمىز،» دەپ تەھدىت سالغان. (ئەركىن)