2005.05.13

پەرىدە:

خيۇ پوپ ئەپەندى، سىز بىزگە كىتابىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىسمىدا يەنە نېمىلەرنى يازغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەمسىز؟

پوپ:

مەن كىتابىمدا يەنە شۇلارنى يازدىم. شىنجاڭدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىياغىچە قىلغان سەپىرىمدە، مەن يەنە بىر قىزىقارلىق نەرسىنى بايقىدىم. ئۇ بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىي خەلقلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى تۈركىي خەلقلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ئوخشىماسلىق. سوۋېت ھۆكۈمىتى سوۋېت پۇقراسى بىلەن ئۆزبېك، قازاق ياكى قىرغىزلارغا ئوخشاش باشقا مىللەتلەرنى پەرقلەندۈردى. مەسىلەن، سىز ئالدى بىلەن سوۋېت پۇقراسى بولىسىز، ئاندىن ئۆزبېك ياكى قازاق بولىسىز. دېمەك، مىللىتىڭىز ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن خىتاي بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر چارە قوللاندى. ئۇ بولسىمۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارنى بىر چەتكە قېقىپلا قويغان.

ئۇلار ئۇيغۇرلارنى خىتاي قىلىشنىمۇ خالىمايدىكەن، ئۇلار پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. مەن ئۇ يەرگە بارغىنىمدا، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا بارىدىغان تۈزۈك يوللارنىڭمۇ يوقلىقىنى بايقىدىم. بۇ كۆرۈنۆشتە خۇددى ئۇلارنى بىر چەتكە ئايرىپ قويغاندەكلا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىغا ناھايىتى ئاز كۈچ چىقىرىدىكەن. ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بار ئىكەن. لېكىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ئېنگلىزچە دەرس ئۆتۈلمەيدىكەن. ئىشقىلىپ خىتاي ئۇيغۇرلارنى ساۋاتسىز ۋە يالغۇز قالدۇرۇشقا ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىرىشىدىكەن.

شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 8 مىليون بولۇپ، بۇ شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ 50٪ ئىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ پىرسەنت، قازاقىستان مۇستەقىل بولغان ۋاقتىدىكى قازاقلار نوپۇسىنىڭ پىرسەنتىدىنمۇ كۆپ. شۇڭا ئۇيغۇرلار يەنىلا، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتى بولمىغان ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق تۈركىي خەلقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇيەردىكى يەنە بىر مەسىلە، ئۇلار تېخى دۆلەت قۇرۇشقا تەييار ئەمەسكەن. مەن ئۇ يەردە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بار بىرەر كىشىنىمۇ كۆرمىدىم.

پەرىدە:

سىز ئۇ يەردە قايسى ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشتىڭىز؟

پوپ:

ئەلۋەتتە، مەن كۆرۈشكەن كىشىلەر ناھايىتى چەكلىك بولدى. مەن ئۇ يەرگە مۇخبىرلىق سالاھىيىتىم بىلەن بارمىغاچقا، يۇقىرى دەرىجىدىكى كىشىلەر بىلەن سۆزلىشەلمىدىم. لېكىن مەن رېستۇران ئاشقان ۋە سودا قىلىدىغان بەزى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم، ھەمدە مەن ئۇلاردىن دۆلەتنى ئىدارە قىلالىغۇدەك ئىقتىدارنى كۆرمىدىم.

پەرىدە:

ئۇنداقتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە قانداق قارايسىز؟ مەسىلەن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق تۈركىي دۆلەتلىرىمۇ ئىلگىرى كوممۇنىست سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا ياشىغانغۇ؟

پوپ:

ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىلگىرى يەرلىك كوممۇنىست پارتىيىلىرى بار بولغان. بۇنى يەرلىك خەلقلەر ئۆزى باشقۇراتتى. مەسىلەن، ھازىر بۇ دۆلەتلەرنى باشقۇرۇۋاتقانلاردىن نازاربايېۋ بولسا، سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقى ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كەرىموف، تۈركمەن بېشى نىيازوف ۋە ئەلىيوفلارمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ يەرلىك پارتىيىلەر بولسا، مەركىزى سوۋېت كوممۇنىست پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھەقىقىي فېدىرال قۇرۇلمىسى بولغان. ئەمما شىنجاڭدا بولسا ئۇنداق ئەمەس، ھەممە نەرسىنى خىتايلار ئىدارە قىلىدىكەن.

پەرىدە:

سىز ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ بىز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپقا ئالاھىدە كۈچەۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئېرىشىپ كەلدۇق. بۇ قوش تىللىق مائارىپ خىتايلارغا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلغان. ھەتتا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە، ئۇيغۇرچە دەرسلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

پوپ:

ئەلۋەتتە بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا چوڭ توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر تىل يوقاپ كەتمەيدۇ، لېكىن بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرىدۇ ئەلۋەتتە. يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇنىڭ بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا بېرىپ بىلىم ئېلىشىغا پايدىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن، بىراق مېنىڭچە، خىتاي نىشانلىغان مەقسەت بۇ ئەمەس. سىز ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىشىڭىز كېرەك، لېكىن سىزنىڭ شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆز ئانا تىلىڭىزنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىڭىزمۇ بار.

پەرىدە:

مېنىڭ سورايدىغان يەنە بىر سۇئالىم، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تۈرك دۇنياسىدىن ئايرىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلدى؟

پوپ:

خىتاي، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ كەتتى. مەسىلەن، قەشقەرنى ئالساق، ئادەم بۇ يەردە قامىلىپ قالغاندەكلا بولىدىكەن. بۇ يەردىن پاكىستان ۋە قىرغىزىستانغا تۇتىشىدىغان يوللار، نەچچە يەردىن ئۈزۈلۈپ قالغان. ئىشقىلىپ بۇ يەر تارىختىن بۇيان تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەن جاي ئىكەن. ئوچۇقكى خىتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە باغلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئىشىنىمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسى ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۈچلۈك نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت قىلىشىمۇ تەسكە توختايدۇ. بۇ، خىتاينىڭ دۆلەتنى مۇداپىئە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى.

پەرىدە:

سىزنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي سالاھىيىتىنى قانداق ساقلىشى توغرىسىدا، ئۇلارغا بېرىدىغان بىرەر تەكلىپ-تەلەپلىرىڭىز بارمۇ؟

پوپ:

مەن ئۇ يەرگە بارمىغىلى 6 يىلدەك بولۇپ قالدى. لېكىن ئەركىن ئالپ تېكىن ئائىلىسىنىڭ كۆز قارىشى مېنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، زوراۋانلىق، ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلمايدۇ. چۈنكى سىز خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلالمايسىز.

يەنە بىرسى، ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىمۇ، نۇرغۇن چەتئەللىكلەرنى بۇ يەرگە قىززىقتۇرىدۇ. مەسىلەن، ماڭا ئوخشاش ژورنالىستلار شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، بۇ ھەقتە ماقالىلارنى يازسا، مېنىڭچە بۇ ئەلۋەتتە، خىتاينى مەلۇم دەرىجىدە خىجىل قىلىدۇ ھەمدە شۇ سەۋەپتىن، ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىمۇ ئازراق ياخشىلىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ، مەن يەنىلا زوراۋانلىق يولىنى ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ قارايمەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دېگەن نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن، بۇ ئۇنداق تېز يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بۇنى تېخىمۇ قوغدىشى كېرەك. مەسىلەن سىلەرنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىڭلارمۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە تۆھپە قوشىۋاتىدۇ. ئاندىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى سىياسەتچى، مۇخبىر ھەم سودىگەرلەر بىلەن تونۇشۇشى ۋە ئالاقە باغلىشى كېرەك. مەسىلەن، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا مۇناسىۋىتى بار، ئۇيغۇرلار بۇنىڭغىمۇ ئارىلىشىشى كېرەك. ھەممە نەرسىنىڭ سىياسەتلا بولۇشى زۆرۈر ئەمەس.

پەرىدە:

مەن ئاخىرىدا، ئەركىن ئاسىيا ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى بارلىق خادىملارغا ۋاكالىتەن سىز يازغان «تۈرك دۇنياسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى» دېگەن كىتابنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. شۇنداقلا ھەممە ئىشلىرىڭىزنىڭ غەلىبىلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن. رەھمەت سىزگە.