2005.05.13

rabiye-tom.jpg
رابىيە قادىر، 27-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. رابىيە قادىر خانىم پارلامېنت ئەزاسى توم لەنتوس بىلەن. (ئوڭدىن: Mrs. Annette Lantos, Tom Lantos، رابىيە قادىر، سىدىق ھاجى، نۇري تۈركەل)

ئۈرۈمچىدىن ئىگە بولۇشىمىزچە، 13 – ماي ئەتىگەن سائەت 9 ئەتراپىدا رابىيە قادىر سودا سارىيىنى نەچچە يۈز خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى قورشىغان بولۇپ، 30 دەك قوراللانغان ساقچى سودا سارايدىكى ئەقىدە ھەسسىدارلىق شىركىتىگە بۆسۈپ كىرىپ، ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىزلا، شىركەتنىڭ مال- مۈلۈكلىرىنى ئاختۇرۇپ، پۇل ۋە مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىنى ئېلىپ كەتكەن.

قارا-قويۇق تۇتقۇن

كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاختۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى ئىككى كۈن ئاۋال قولغا ئالغان شىركەت دېرىكتورى ئايشەمگۈل بىلەن كاتىپ روزى مەمەتنى ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاختۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ئۇلار يەنە بۇ ئىككىسىدىن باشقا، شىركەت قارمىقىدىكى رېستۇراننىڭ دېرىكتورى ئەخمەتجان مەمتىلىنى قوشۇپ تۇتۇپ كەتكەن. ۋە ئۇنى بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن قويۇپ بەرگەن.

بۇ جەرياندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىنى تۇتماقچى بولىۋاتقانلىقىنى پەملىگەن رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئابلىكىم قېچىپ كەتكەن.

ئىگىلىشىمىزچە 10 – مايدىن ھازىرغا قەدەر خىتاي ساقچىلىرى رابىيە قادىرغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن بەشنى قولغا ئالغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا رابىيە قادىرنىڭ شېركىتىنىڭ قەرىز ئېلىش ئىشىنى بېجىرگەن جوڭگو بانكىسىنىڭ خادىمىمۇ بار ئىكەن.

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى بۇلاڭچىلىق قىلمىشىدىن خەۋەر تاپقان رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئامانلىقىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاكتىكىلىرى

مەن قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىمدىن بۇ تەھدىت بىلەن ھەرگىز توختاپ قالمايمەن. ئۆز خەلقىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن توختىماي كۈرەش ئېلىپ بارىمەن، ھەرگىز توختاپ قالمايمەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ يېڭىلا ئامېئىكىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر، ئۈرۈمچىدىكى بالىلىرى ھەمدە شىركەتلىرى شۇنداقلا ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ئۆزىنى سىياسىي تۆھمەت بىلەن تۈرمىگە ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ ھۆر دۇنيادا دېموكراتىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى دەپ بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى ئادەم تۇتۇش ھەمدە ئاختۇرۇشنى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بەشىنچى باشقارمىسىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ قوماندانلىق شىتابى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ھەمدە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلدۇق ئەمما ئۇلار ئوخشاشلا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز يەنە بۇ ھەرىكەتكە بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان 5 – باشقارما باشلىقى جاڭنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ ئىزدىدۇق، ئۇنىڭ ئايالى بىر- ئىككى كۈندىن بۇيان جاڭنىڭ ناھايىتى ئالدىراشلىقى كەچتىمۇ ئۆيگە قايتماي ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رابىيە قادىر: خىتاينىڭ تەھدىدى مېنىڭ ئىرادەمنى بوشىتالمايدۇ

نۆۋەتتە رابىيە قادىرنىڭ شېركىتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاختۇرىشىغا – بۇلاڭچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن باشقا، ئۈرۈمچىدىكى بەش پەرزەنتى ھەمدە نەۋرىلىرى خىتاينىڭ تەھدىدىدە قالغان بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىرەر سۈيقەست پىلانلاۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان رابىيە خانىمنىڭ كىچىك ئوغلى ئالىم، ئامېرىكىدىكى ئانىسى رابىيە خانىم ھەمدە دادىسى سىدىق ھاجىلارغا ئۆزىنىڭ باياناتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئۆتۈنگەن. (بۇ ھەقتىكى باياناتنى، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ).

رابىيە خانىم گەرچە ئالتە يىل خىتاي تۈرمىسىگە قامىلىپ يېڭىلا ئەركىنلىككە چىقىپ ئامېرىكىدىكى يولدىشى ھەمدە بالىلىرى بىلەن جەم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىدىكى بەش بالىسى يەنىلا خىتاينىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرماقتا، رابىيە قادىر خانىم پەرزەنتلىرىنىڭ ئەندىشىسىدە، جۇدالىقتا ئۆرتىنىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا قەھرىمان ئانىلارغا خاس جاسارىتى بىلەن، خىتاينىڭ قانداقلا تەھدىدىگە ئۇچراشتىن قەتئى نەزەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقوقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى، بۇ يولدا ھەر قاندا ق قارشىلىق كۈچنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.