2005.05.12

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى » 2005 – يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى» دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 دۆلەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

مەزكۇر تەشكىلات دوكلاتىدا، خىتاينى يەنە بىر قېتىم » ئالاھىدە ئەندىشە قىلىشقا تىگىشلىك دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەنكى بىر يىل ئىچىدە دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىدىغان قىلمىشلارغا يول قويغان ، ھەتتا دۆلەت ئاپاراتىدىن پايدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرغان.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشقان.

ئۇ كومىتېت رەئىسى پىرىتا بەنسىل خانىمدىن، بۇ يىل خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىدە، ئۇيغۇر ئېلىغا بارىدىغان- بارمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، بەنسىل خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۆل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)