2005.05.12

raniye-norway.jpg

11-ماي كۈنى نورۋىگىيىنىڭ بېرگېن شەھىرىدە شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بويىچە مۇخبىرلارنىڭ «ئاخبارات كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. نورۋىگىيە ئاخبارات مەركىزىنىڭ بېرگېن شەھەرلىك شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىنغا ياۋروپادىن 700 گە يېقىن مۇخبىرلار ۋەكىللىرى قاتناشقان.

يىغىنغا ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ ئاق ساراي ئالدىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغدا قىلغان سۆزلىرى ئىكراندا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا كۆرسىتىلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋىتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن بۇ يىغىنغا قاتناشقان نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئابدۇكېرىم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.