2005.05.12

10 -ماي كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ خادىملىرى رابىيە قادىر سودا سارىيىدىكى «ئەقىدە ھەسسىدارلىق شىركىتى» نىڭ دېرىكتورى 34 ياشلىق ئايشەمگۈل خانىم بىلەن مەزكۇر شىركەتنىڭ كاتىپى 25 ياشلىق روزى مەمەت ئەپەندىنى » سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە بار» دېگەن سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، شىركەتتىن خىزمەت ئۈستىدە ئېلىپ كەتكەن.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە تېلېفون ئۇرۇپ، بۇ ۋەقە ھەققىدە سورىدۇق، بىراق سوئاللىرىم جاۋابسىز قالدى.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.