2005.05.11

يېقىندا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە ماقالىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «مەملىكەتلىك كۆزىتىش تور بېتى»دە ئېلان قىلىندى.

نۇرى تۈركەل ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ۋەزىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ۋە سىياسىي ھوقۇقى، مەدەنىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ يەنە، تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش نامى بىلەن بۇ باستۇرۇشلىرىنى ھەقلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى يازغان.

ماقالىدا، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەتتا ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاي بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى تاڭسا يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر ماقالىدا يەنە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيىنى دۇنياغا تارقىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە ۋە قىرغىزىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەردە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقى، شۇنداقلا بۇ تەرەققىياتلارنىڭ خىتايغا سېگنال بېرىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۈمىد ئېلىپ كەلگەنلىكى يېزىلغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش چاقىرىقىنىڭ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىغە يەتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېرىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ سىرتقى ئەركىن دۇنيا بىلەن ئالاقە باغلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى يازغان. (پەرىدە)