2005.05.11

rabiya-sidiq-200.jpg
17-مارت رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان ئىدى.

خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى 10 -ماي كۈنى «ئەقىدە ھەسسىدارلىق سودا شىركىتى» نىڭ دېرىكتورى 34 ياشلىق ئايشەمگۈل خانىم بىلەن مەزكۇر شىركەتنىڭ باش كاتىپى 25 ياشلىق روزى مەمەت ئەپەندىنى سەۋەبسىزلا تۇتۇپ كەتكەن.

بىز بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ، رابىيە قادىر سودا سارىيى ئەتىراپىدىكى جەنۇبىي قوۋۇق ساقچى پونكىتى ۋە ئىتتىپاق يولى ساقچى پونكىتلىرىغا تېلېفون ئۇردۇق.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون ئۇرۇۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان خىتاي ساقچى خادىملىرى، بىزنىڭ سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ساقچى پونكىتىنىڭ باشلىقى بىلەن ئالاقە قىلىشىمىزنى ئېيتىپ سۇئالىمىزنى قوپاللىق بىلەن جاۋابسىز قويدى.

تۇتۇپ كېتىلگەن ئايشەمگۈل: مەن نېمە گۇناھ قىلدىم؟

بىز نەق مەيداندا ۋەقەنى كۆرگۈچى شاھىتلاردىن بىرىنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىدۇق. بىراق ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ھازىرچە ئاڭلاتماسلىققا قارار بەردۇق.

شاھىتنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە «ئەقىدە ھەسسىدارلىق سودا شىركىتى» نىڭ دېرىكتورى ئايشەمگۈل، سائەت 1 ئەتىراپىدا ساقچىلار تەرىپىدىن ناھايىتى قوپاللىق بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن. خىتاي ساقچىسى ئەمدىلا 7 ئايلىق بالىنىڭ ئانىسى بولغان گۇناھسىز ئايشەمگۈلنى «مەن نېمە گۇناھ قىلدىم، نېمە ئۈچۈن مېنى ئېلىپ ماڭىسىلەر» دېگىنىگە قارىماي چېچىدىن تۇتقان پېتى ماشىنىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنى تۇتۇپ كەتكەن ئورۇن ئاپتونۇم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتى ئىكەن.

بىز، مەزكۇر يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئاپتونۇم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ نۆۋەتچى خادىمىغا، ئالدى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ، نېمە ئۈچۈن ئايشەمگۈل بىلەن روزى مەمەتنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى سورىدۇق.

بۇ خادىم «سىز بۇ ئىشتىن قايسى يول ئارقىلىق خەۋەر تاپتىڭىز؟ سىزگە ۋەقەنى كىم ئېيتىپ بەردى. رابىيە قادىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ياكى نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرمۇ؟ سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە ؟ دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار سۇئاللارنى سورىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ۋەقەدىن تولۇق خەۋەردار ئەمەس ئىكەنلىكىنى، بىر كۈندىن كېيىن قايتا تېلېفون ئۇرۇشىمىزنى ئېيىتتى ۋە بۇ ھەقتە قانائەتلەنگىدەك بىر جاۋاب بەرمىدى.

پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن سۆزلىگەن روزى مەمەت ئەپەندىمۇ تۇتۇلغان

نەق مەيداننى كۆرگۈچى شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىركەتنىڭ باش كاتىپى روزى مەمەت، ئايشەمگۈلنىڭ قولغا ئېلىنىش سەۋەبىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن سۈرۈشتە قىلغان ۋە » جوڭخۇئا خەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ قانۇنىدا، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ئېنىق بېكىتىلگەن، سىلەر ئايشەمگۈلنى تۇتۇپ كېتىش سەۋەبىڭلارنى بىزگە چۈشەندۈرۈشىڭلار كېرەك، سىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىڭلار شىركىتىمىزدە قالايمىقانچىلىق چىقىرۋەتتى» دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

سائەت 3 لەردە، ئىككى خىتاي ساقچىسى ۋە بىر ئۇيغۇر ساقچىسى شىركەتكە كېلىپ، روزى مەمەتتىنمۇ سوراشقا تېگىشلىك مەسىلە بارلىقىنى ئېيتىپ، دەرھال ئۆزلىرىنى بىلەن بىللە كېلىشنى بۇيرۇپ، ئۇنىمۇ ئېلىپ كەتكەن.

سىدىق ھاجى ئائىلىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى

بۇ ۋەقە تېخى يېڭىلا ئەركىنلىككە چىققان، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، قەھرىمان ئۇيغۇر ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمرىيى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، بۇ ئىككى ياشنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى، ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئايشەمگۈلنى ۋە روزى مەمەتنى، ھەتتا پۈتۈن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.