2005.05.08
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى قوللىغۇچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دانا روخراباچېر «ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشى، پىلانىتىمىزدىكى تىپىك ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ بىرى» دەپ بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
ئەمدىلا خىتاي تۈرمىسىدىن چىققان، داڭلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېنىق بىر سىياسەت بەلگىلىشىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللايدىغان غەربتىكى زاتلار نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاشتا يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى دەپ قارايدىكەن.
ئەمما، ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەل قاراۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە «تېررروچىلىققا قارشى كۈرەش» تىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرماسلىق ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لەنتىسمۇ ۋاشىنگتوننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بىپەرۋالىق قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان. بىراق ئۇ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى بىلەن بىخەتەرلىك ئەندىشلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن تەڭپۇڭسىزلىق بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)