2005.05.06
ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى ھەلقئارا ئانىلار بايرىمى بولۇپ، بۇ بايرام ئامېرىكىدا 150 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە.
بۇ يىلقى ئانىلار بايرىمى ھارپىسىدا ئامېرىكىدا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، كىشىلەر دۇنيا ئانىلار بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالماقتا. ئامېرىكا شەھەرلىرىدە چوڭ – كىچىك ھەممە دۇكانلاردا ئانىلار بايرىمى ئۈچۈن مەخسۇس تەيارلانغان سوغاتلار، رەڭلىك قەغەز ۋە لېنتىلار بىلەن ئوراپ سېتىلماقتا.
بىراق، ئانىلار بايرىمى بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇر ئېلىدە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئانىلىرى خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە ئازاب چەكمەتكە، ئاياللار ھامىلدار بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالماقتا، ھامىلدار ئانىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانخورلىقى بىلەن دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بالىلىرىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلماقتا…
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ مۇشۇ يىل يانۋارنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىشىچە، 1988 – يىلدىن شۇ ۋاقىتقىچە ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليون بوۋاق ئاز تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتى بەلگىلكك ئۈنۈملەرگە ئېرىشكەن……
17-مارت كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولۇپ ئامېرىكىغا كەلگەن ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، 11 بالىنىڭ ئاپىسى بولغان رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكىدا ئۇزۇن يىل ياشىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئانا تۆرەم پاشا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئانىلارغا بولغان سالام ۋە تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى.