2005.05.02

«غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى» غەربىي رايونغا زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، » غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك،» دەپ كۆرسەتتى. ۋېن جياباۋ بۇ سۆزنى 30 – ئاپرىلدا چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى گېلمودنى كۆزدىن كەچۈرگەندە تەكىتلىگەن.

غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى خىتاينىڭ غەربىدىكى تىبەت، نىڭشيا، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكە – ئاپتونوم رايونلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەركىزى ھالقىسى.

بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى بويىچە، خوتەنگە تۇتۇشىدىغان تەكلىماكان تاش يولىدىن يەنە بىرنى ياسايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. مەزكۇر تاش يول 2007 – يىلى پۈتۈدىكەن.

تالاش – تارتىشتىكى بۇ ئىستراتېگىيە، مۇھىتنى قوغدىغۇچىلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا ئىدى. ئەمما ۋېن جياباۋ، غەربتىكى رايونلارنى «مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى ئېكېلوگىيىلىك قوغداش، ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە بايلىقى، پەن – تېخنىكا، مائارىپ ۋە سەھىيە جەھەتتىكى تەرەققىيات بىلەن تەمىنلىدى،» دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمما ئامېرىكىدىكى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر ئانىسى رابىيە قادىر، 27 – ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى «ئۇيغۇرلارغا ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەكتە،» دەپ ئەيىبلىگەن. غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى كۆپىيىشكە يول ئاچقانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، رايوندىكى تەبىئىي ۋە بىناكارلىق مىراسلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. (ئەركىن)