2005.05.02
ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا نورۋىگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بېرگېن شەھىرىدىكى تارمىقىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى، كىشىلىك ھوقۇق جەمىيەتلىرى شۇنىڭدەك نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇر كومىتېتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن 50 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىنغا، نورۋىگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىككى نەپەر خادىمى ئۆزلىرى نەق مەيداندىن تارتقان سىنئالغۇ ۋە سۈرئەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى كىملىكى، نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇن نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان رەئىسى ئابدۇكېرىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.