2005.04.29
مەركىزى نيۇ – يوركتىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش مەسىلىسى بويىچە دوكلات ئېلان قىلىپ، 2004 ۋە 2005 – يىللىرىدا خىتاي، مىسىر، ئىران، رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش قىلمىشىنىڭ داۋاملىق يۈز بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، » گەرچە بەزى ھۆكۈمەتلەر تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ مەھبۇسلار ياكى تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىشنى ئاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما مەھبۇسلارنى خارلاش قىلمىشىنىڭ شۇ جايدىكى جەمئىيەت كەيپىياتىدا ئۇزۇن مەزگىللىك سەلبىي تەسىر ياراتقانلىقى شۈبھىسىز،» دەپ كۆرسەتكەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، خىتاي، مىسىر، رۇسىيە، ھىندونېزىيە، ئىران، ئىراق، تۈركىيە، ئۇگاندا قاتارلىقلارنى مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىۋاتقان دۆلەتلەر، دەپ تىلغا ئالدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەت رايونىدا ئەڭ ئېغىر بولۇپ، » خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدا تەن جازاسى بېرىش ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇلماقتا،» دەپ تەكىتلىگەن.
ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ت. كۇمار سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا كەڭ كۆلەمدە تەن جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. (ئەركىن)