2005.04.29
رابىيە قادىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۆزلىدى
27-ئاپرېل كۈنى، ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى يىغىندا مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە توختالدى.
رابىيە قادىر خانىم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە ۋاكالىتەن ئامېرىكا خەلقىغە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، مەدەنىيەت، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك بۆلۈمىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۇزان ئۇسۇلىۋان رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايانلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەيىپلىدى.
شاياردىكى بىر ئايال ماددەرس قولغا ئېلىندى
گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئاينىساخان مۇھەممەد ئىسىملىك بىر نەپەر مۇددەرس 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ساقچىلار ھەتتا ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىۋاتقان بەش نەپەر تالىپنىمۇ قولغا ئالغان ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئاينىساخاننى «سىياسىي كېڭەش تۈزگەن دىنى تەپسىر كىتابىنى ئوقۇمىغان» دېگەندەك بىر قاتار ئاتالمىش گۇناھلار بىلەنمۇ ئەيىبلىگەن ئىكەن.
قازاقىستان يازغۇچىلىرى 2-جاھان ئۇرۇشىنى خاتىرىلىدى
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ۋە ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ قارمىغىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ باشلىق شايىم شاۋايېۋمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەلۇمكى، قازاقىستان دۇنيا يۈزىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مەخسۇس بىر ساھە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان جايلارنىڭ بىر بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئارىسىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان كۆپلىگەن مەشھۇر ئەدىپلەر يېتىشىپ چىقىپ، زور شۆھرەت قازانغان ئىدى. مەسىلەن زىيا سەمىدى، خىزمەت ئابدۇللىن، جامال بوساقوۋ ۋە خېلىل ھەمرايېۋ ھەمدە 30-يىللاردا داڭ چىقارغان ئۆمەر مۇھەممەدى، ھېزىم ئىسكەندىروپ ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى يىغىن ئۆتكۈزگەن
ئۆتكەن ھەپتىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاقى كېڭىشى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ يىغىنغا قىرغىزىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا سىياسىتىدىكى ئورنى جۈملىدىن ئامېرىكا، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. يىغىن ئەھلى بىردەك ھالدا، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ قېتىم ئۆتكۈزىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۆزى خالىغان ئادەمگە ئاۋاز بېرىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
خەلقارا خەۋەرلەر
تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليان جان چوڭ قۇرۇقلۇقنى زىيارەت قىلدى. تارىخى ئەھمىيەتلىك زىيارەت دەپ قارىلىۋاتقان بۇ پائالىيەتتە ليانجان خىتاي كوم پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە سۆھبەتلەشكەن.
بۇ تارىختا خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ يۇقى رەھبەرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم بىر يەرگە كېلىپ، خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، بۇ قېتىم ليان جان بىلەن خۇ جىنتاۋ ئارىسىدا تەيۋەننىڭ خىتايغا قوشۇلۇشى ھەمدە بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم قوللىنىش مەسىلىسى تەكىتلەنمەي، پەقەت ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش شۇئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۆتكەن ھەپتىدە يەنە، خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋاشىڭتونغا يېتىپ كېلىپ، ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. ئىككى تەرەپ سۆھبىتىگە خىتاي تەرەپتىن خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى شۇڭ گۇئاڭكەي ، ئامېرىكا تەرەپتىن مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوگلاس فايىس قاتارلىقلار يېتەكچىلىك قىلغان. ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەت سۆھبەتلىرى 2001-يىلىدىكى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئايروپلان سوقۇلۇپ كېتىشىدىن كېيىن توختاپ قالغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)