2005.04.29

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى » ئەرزىيەت بەلگىلىمىسى» 1 – ماي كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى «مەزكۇر بەلگىلىمە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەرزدارلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنى چەكلەشنى ھەمدە ئەرزلەرنى يەرلىك دائىرىدە بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دەپ بىلدۈرمەكتە.

ئەمما باش شتابى نيو-يوركتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ جۈمە كۈنى دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى » ئەرزدارلارنى قوغدايدۇ» دەپ ئاتىغان يېڭى ئەرزىيەت بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىشنىڭ ھارپىسىدا، ئەرزدارلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرغان.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ليۇ چىڭ ئەپەندى ئەرزدارلارنى باستۇرۇش ۋەقەلىرىنىڭ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقى، بىراق ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە شەرقىي شىمالدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلىيەلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىز بۇ قېتىمقى دوكلاتىمىزدا ئاساسلىقى شاڭخەيدىكى ئەرزدارلارنىڭ ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردۇق. شاڭخەيدىكى ھەر خىل ئادالەتسىزلىكلەرگە چىدىمىغان تەخمىنەن 200 دىن ئارتۇق كىشى، 24 – ئاپرىل كۈنى بىرلىكتە بېيجىڭغا بېرىپ ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن، پويىزغا چىققان. ئەمما ئۇلارغا ئەگىشىپ پويىزغا چىققان 100 دىن ئارتۇق ساقچى ۋە ئەرزىيەت ئىشلىرى خادىمى، پويىز قوزغىلىشىغا ئەرزدارلارنى ئۇرۇشقا باشلىغان. چاڭجۇۋغا كەلگەندە ساقچىلار 70 نەچچە ئەرزدارنى پويىزدىن تارتىپ چۈشۈرىۋالغان. بەزىلىرىنى ئۇرۇپ، ھوشىدىن كەتكۈزىۋەتكەن. بەزىلىرىنى يارىلاندۇرغان. ساقچىلار قالغانلىرىنى كېيىنچە ماشىنىغا بېسىپ، شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا ئاپىرىپ تاشلاپ قويغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن سىرت، 27 – ئاپرىل كۈنى بېيجىڭ ساقچىلىرى يەنە، بېيجىڭدا ئەرزىيەت ئىدارىسىغا بارماقچى بولغان نەچچە ئون شاڭخەيلىك ئەرزدارلارنى تۇتۇپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا ماجيالۇۋ دېگەن جايدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولىغان. بۇ يەرگە ئەسلىدىلا ئالتە يۈزدىن ئارتۇق ئەرزدارلار سولانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكى، يەر- زىمىن دەۋاسى ئۈستىدىن ئەرز سۇنىۋاتقانلار ئىكەن. بەزىلىرى ئەرز سۇنۇش جەريانىدا نەچچە ئون قېتىم تۇتۇلۇپ، ھەتتا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدىمۇ يېتىپ باققان ئىكەن.

ليۇچىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، پەقەت بېيجىڭنىڭ ماجيالۇۋ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىكى ئەرزدارلار ئىچىدىلا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئەۋەتىلىپ باققانلارنىڭ سانى 70 – 80 گە يىتىدىكەن. لىيۇچىڭ، بېيجىڭدا ماجيالۇۋغا ئوخشاش تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن يەنە نۇرغۇنلىرى بولىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي جىنمۇ پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ يېڭى ئەرزىيەت بەلگىلىمىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەر قانداق ئەرزنىڭ ئاۋۋال يەرلىك ئورۇنلارغا سۇنۇلۇپ، تەكشۈرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە » يەرلىك ئەمەلدارلار ئەگەر ئەرزىيەت خېتىنى ۋە ئەرز ئېيتقۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلمىسا، ئۇ ھالدا مەسىلىنىڭ جاۋابكارلىقىنى شۇ ئەمەلدارلار ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە جازالىنىدۇ» دېگەن ئىدى.

بىراق ليۇ چىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى » ئەرزىيەت بەلگىلىمىسى» دىكى نۇرغۇن مەزمۇنلار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەرزدارلار ھوقۇقىنى تېخىمۇ دەپسەندە قىلىشىغا يوچۇق قالدۇرغان:

» يېڭى ئەرزىيەت بەلگىلىمىسىدە، ئەرزدارلارغا ئىنتايىن پايدىسىز بەزى مەزمۇنلار بار. مەسىلەن، ئەرزدارلارنىڭ توپلىشىشى، ئۆز- ئارا ئالاقە ئورنىتىشى رۇخسەت قىلىنمايدۇ. باشقىلارنى ئەرز قىلىشقا قۇترۇتۇشقا بولمايدۇ دىگەندەكلەر. ئىنتايىن ئېنىقكى، بۇنداق بەلگىلىمىلەر، ساقچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشىغايول ئېچىپ بېرىدۇ».

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ليۇچىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى » جەمئىيەت تەرتىبىنى ساقلاش» نى باھانە قىلىپ، ھەر يىلى بىرەر چوڭ بايرام ۋە يىغىنلارنىڭ ھارپىسىدا ئەرزدارلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ئەسلىدىلا ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ليۇچىڭ نۆۋەتتە ئەرزدارلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ خىتايدا بارغانسىرى ئېغىر بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەرزدارلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ياكى ھەل قىلىشقا تىرىشىش يولىنى تۇتماي، بەلكى ئۇلارنى تېخىمۇ باستۇرىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر بۇ توقۇنۇشلارنى ھەل قىلماي، ھەقىقەتكە يۈزلەنمەي، پەقەت باستۇرۇش، زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن نارازىلىقلارنى بېسىشقا ئۇرۇنسا، ئۇ ھالدا، خىتاي جەمئىيىتىدە كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ ياكى توپىلاڭلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، ھەتتا ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرىۋېتىشىمۇ مۇمكىن».

ليۇچىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ80 ٪تىن ئارتۇق ئەرزدارلارنىڭ ئەرزىنىڭ ھەقلىقلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بىراق بۇ ھەققانىي ئەرزىنى ئاقتۇرالمايۋاتقان ئەرزدارلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا.

ئۇ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇقنى ئوچۇق- ئاشكارا دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىپلىدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى ئەرزدارلارنىڭ ئازابلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. (ئارزۇ)