2005.04.20
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەققىلىرى پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھېچبىر بايانات بەرمىگەنلىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوبزورچىلار تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.
قۇچ ئۇنۋەرسىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە مەركىزى باشلىقى دوكتور تۆمۈر خوجائوغلى، تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى فارۇخ ئۇنسال ۋە بىلكەنت ئۇنۋەرسىتېتى پروفېسسورى ھەسەن ئۇنال ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.