2005.04.18

غەرب تىللىرى ۋە رۇس تىلىدا يازىدىغان ژۇرنالىستلار ھەم ئانالىزچىلارنىڭ دىققەت نەزەرلىرى قىرغىزىستان ۋەقەلىرى جۈملىدىن بۇ جايدا مەيدانغا چىققان يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىشى ئېھتىماللىقى بار بولغان تەسىرلىرىگىمۇ قارىتىلغان بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇ، ئالدى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشى ھەمدە خىتاي بىلەن ئۇزۇن چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار تاشقى سىياسىتى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر.

ئەينى ۋاقىتتا سابىق قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋ باشچىلىقىدىكى بىشكەك ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى تۈزگەن ئىدى. بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى. دېموكراتىك ھوقۇقلارنى ھىمايە قىلىشنى شوئار قىلغان قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ مەلۇم ياخشى ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە بەزى رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرى رۇس مەتبۇئاتلىرىدا

ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكىدىكى ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، رۇس تىلىدىكى مەتبۇئاتلاردىن ئالدى بىلەن ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ رۇس تىلى بۆلۈمى مەزكۇر دوكلات ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتتى. ب ب س نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەزكۇر ئۇچۇرى رۇسىيىنىڭ كۆپلىگەن ئىنتېرنېت سەھىپىلىرى ۋە مەتبۇئات ئورگانلىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى.

ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى ۋە خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرى تولۇق تەكىستلىرى بىلەن رۇس تىلىدىكى ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەر بولۇپمۇ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى كەمسىتىش ھەم خاراب قىلىش سىياسىتى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە

رۇس تىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى Rambler. Ru دا ئېلان قىلىنغان «ئۇكرائىنىيە قىرغىزىستان ئەمەس، قىرغىزىستان ئۇكرائىنىيە ئەمەس » ناملىق قىرغىزىستان ۋە ئۇكرائىنىيىدىكى دېموكراتىك ئىنقىلابلارنى سېلىشتۇرۇشقا ئائىت يېزىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستان بىلەن ئۇكرائىنىيىدىكى ئىنقىلابلارنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرىدىن بىرى بۇنىڭ ئىككى ئوخشاش بولمىغان سىياسىي جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا يۈز بېرىشىدۇر.

«قىرغىزىستان خىتاينىڭ ئەڭ تىنچسىز نۇقتىسى ھېسابلانغان ، ئەمما بۇ مەملىكەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. چۈنكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ئاساسلىقى مۇسۇلمانلار يەنى ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە تاجىكلار بولۇپ، مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئارىسىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش ئىدىيىسى ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. بۇ ئىدىيە ھازىر غەربنىڭ جۈملىدىن ئامېرىكا بىلەن تۈركىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر قىرغىزىستاندا ئىنقىلاب ئارقىلىق غەربپەرەس بىر ھاكىمىيەت ئورنۇتۇلسا، بۇ خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ كۆڭۈلسىزلىك بولىدۇ. يەنى بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ ئۆزىدە تيەن ئەنمېن ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا قايتا يۈز بېرىش رېئاللىقى زور بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ غەرىبىگە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ھەمدە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى قوللاش بازىسى شەكىللىنىدۇ» دەپ خۇلاسە قىلىنىدۇ مەزكۇر ماقالىدە.

رۇس مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلار ئاساسىي جەھەتتىن ئىجابىي بولماقتا.

ئىلگىرى ، بولۇپمۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى خەلقارا تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۇش بىلەن ، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قارىلايدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنى تېررورىزىم بىلەن ئەيىبلەيدىغان ماقالىلار ۋە ئۇچۇرلار كۆپىيىپ كەتكەن ئىدى. بۇنداق تەشۋىقات خاراكتېرلىق ئۇچۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنمىغان بولۇپ، كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئىشقا ئاشقان. لېكىن، قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ماقالە-ئۇچۇرلاردا بۇنداق نوقۇل ئەيىبلەشلەر ۋە قارىلاشلار كۆرۈلمىگەندىن تاشقىرى يەنە بىردەك ھالدا قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلغان ھاكىمىيەتنىڭ مەيدانغا چىقىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دېموكراتىك ھەم ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش ھەرىكەتلىرىگە ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، يېڭى بۇرۇلۇش ياسىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلگىرى ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تۈس ئالغان پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن مەھرۇم قالغان قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بۇ قېتىم مەيدانغا كەلگەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بىلەن يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدىلا بارېن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى ھەمدە 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ 60 يىللىق خاتىرىسى شۇنىڭدەك ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولغان. (ئۈمىدۋار)