2005.04.18
ئۇيغۇر ئېلىدە خۇددى ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان، غەربنى ئاچقۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە ئوخشاش بىر سىياسەت نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ھەم سانجى رايونىدا يۈرگۈزۈلمەكچى.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى ھەم سانجى پارتكومى بۇ ئىككى رايوننىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، خىتاي ئىچى ھەم سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۈرۈمچى ھەم سانجى رايونىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش ھەم تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، بۇ ئىككى رايونغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا بازارغا كىرىش، يەردىن پايدىلىنىش، مالىيە ۋە باج جەھەتتە يۆلەش ھەم ئىختىساس ئىگىلىرىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق 16 تۈردە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى بېكىتكەن.
كارخانا ئاچقۇچىلار خالىغانچە ئادەم ئېلىشقا ئوخشاش ئىمتىيازلارغا ئىگە قىلىنماقچى
بۇ سىياسەتكە ئاساسەن، ئۈرۈمچى ھەم سانجى تەۋەلىكىدىكى ئېچىۋېتىلگەن رايونلارغا كېلىپ مەبلەغ سالغۇچىلاردىن، يەرلەردىن پايدىلىنىپ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغانلار يەر ئىشلىتىشنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىكەن. مەبلەغ سالغۇچىلار يەنە كان قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش ھوقوقىغا ئىگە قىلىنىدىكەن، ئېتىبار بېرىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 100٪ كە يەتكۈزۈلىدىكەن.
كارخانا قۇرغۇچىلاردىن ئۈچ يىلغىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدىكەن.
شۇنداقلا ئۈرۈمچى -سانجى رايونىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ خىزمەت قىلغۇچىلار كەسپىي ئۇنۋان جەھەتتە سان ھەم چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچى كارخانا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشلەمچىلەرنى بىۋاستە تەكلىپ قىلىش ھوقوقىغا ئىگە بولىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك قارارى بويىچە ئۈرۈمچى ھەم سانجى رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، بۇ ئىككى رايوننىڭ ئىقتىسادىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، بازارنى بىرلەشتۈرۈش، مالىيىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
«بۇمۇ غەرپنى ئېچىش سىياسىتىگە ئوخشاشلا خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەشنى مەقسەت قىلغان…. »
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بويىچە ئېيتقاندا، خىتاي پارتىيە -ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەركىزىي شەھىرى بولغان ئۈرۈمچى ھەمدە يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن سانجى شەھىرىدە مۇنداق بىر ئىستراتېگىيىلىك پىلاننى يۈرگۈزۈشى، پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشتە تەسەۋۋۇر ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلانسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «خىتاي – پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانىنى خۇددى غەربنى ئېچىش سىياسىتىگە ئوخشاشلا خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىگە يۆتكەش، ھەمدە بايلىق بۇلاڭچىلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، بۇ ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيلا قالماي، ھەر تەرەپتىن زىيان كەلتۈرىدۇ» دەپ قارىماقتا. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت پىكىر بايان قىلىپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەن ئۆتكەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن خىتاي كۆچمەنلەرگە شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن قەتئىي مەنپەئەتلىنەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېتىۋار بېرىش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىشى مۇمكىن ئەمەس!…»
تونۇلغان ئۇيغۇر ئايال كارخانىچى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ پەقەت خىتاي سودىگەرلىرى ھەم ئاققۇنلىرىنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل سىياسەتتىن مەنپەئەتكە ئەمەس بەلكى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىزغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلاردىنمۇ مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ بايلىق ئاچقۇچى كارخانا قۇرغۇچىلارنى ھەر جەھەتتە كۆپ خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان قىلىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، يەرلىك ئامما بۇ خىل كارخانىلاردىن ئىش ئورنىغا ئىگە بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاچقۇچىلار بارغانلا جايدا پەقەت پۇل تېپىشنىلا ئويلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە ئىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى باي بولسا يەنە بىر تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ ئورۇنلىشىشىغا ئاساس سالماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)