2005.04.15

ياۋروپا پارلامېنتى ئىمبارگو توغرىسىدىكى قارارىدا، خىتاي – ياۋروپا مۇناسۋىتىنىڭ ئىقتىسادى ساھەلەر بىلەن چەكلىنىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا ھېچقانداق نەتىجە ئالالمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنى ئەپسۇسلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن. قاراردا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، » خىتايغا قارىتىلغان قورال – ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشتىن ساقلىنىش، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنىڭ سۆھبەت يوللىرىنى تېپىش، تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش شۇنداقلا تەيۋەننى پۈتۈن خىتايدىكى دىموكراتىيىنىڭ ئۆلگىسى سۈپىتىدە قوللاش» نى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى كېچىكتۈرىدىكەن

مەن بۇنىڭغا ( ئىمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشىغا ) قارشى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىۋەتسە، شۇ دۆلەتلەر يەر شارىدا تارىخىي گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.

ياۋروپا پارلامېنتى ئىمبارگو مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويۇشنىڭ سەل ئالدىدا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى گېرخارد شۆرىدىر ياۋروپا پارلامېنتىدىكى گېرمانىيىلىك ئەزالارغا سۆز قىلىپ، ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان. شۆرىدىر، ياۋروپا ئىتتىپاقدىكى ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما شۆرىدىرنىڭ تىرىشچانلىقى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى گېرمانىيىلىك ئەزالارنى يۇمشىتالمىغان. شۆرىدىر، ئىمبارگو مەسىلىسىدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن پىكىرداش ئەمەس.

شۆرىدىر ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى يوشكا فىشىر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشنىڭ كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. فىشىرنىڭ تەكىتلىشىچە، » ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى يۇمشاتقانلىقىنى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىغانلىقىنى كۆرمىگىچە، ئىمبارگونى بىكار قىلىشقا ئالدىرمايدىكەن،»

ئىمبارگونىڭ بۇ يىل 6 – ئايغا قەدەر بىكار قىلىنىش مۈمكىنچىلىكى قالمىدى

ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 – ئاينىڭ باشلىرىدا ماقۇللىغان «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرىقى قارارنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان. گەرچە ياۋروپا كومىتېتى ئىمبارگونى بىكار قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىمبارگونىڭ بۇ يىل 6 – ئايغا قەدەر بىكار قىلىنىش مۈمكىنچىلىكى قالمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقدىكى 25 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنى، جۈمە كۈنى ليۇكسىمبۇرگدا باشلاندى. ئۇلار ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندا خىتاي – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسۋىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە ئىمبارگو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

فرانسىيىنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشىدىكى سەۋەبلەر

ئىمبارگو مەسىلىسى، پات ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى. فرانسىيە، گېرمانىيە بىلەن بىرگە ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى قوللاۋاتىدۇ. فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پارىژنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىشنى قوللىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئاۋىئاتسىيە، ئالەم بوشلۇقى ۋە يادرو ئېنېرگىيە بازىرىغا كىرىشنى كۆزلەيدىكەن.

رابىيە قادىر، «ئىمبارگونى بىكار قىلىش جىنايەت،» دېدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىش پىلانى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دۆلەت مەجلىسى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇقپەرۋەر زات رابىيە قادىر، يېقىندا ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىدە سۆز قىلىپ، ئىمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارشى تۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن بۇنىڭغا قارشى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىۋەتسە، شۇ دۆلەتلەر يەر شارىدا تارىخىي گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكىرى 30 ٪ سىرتقا قارىتىلغان بولسىمۇ، 70٪ ئۆز خەلقىنى قورقۇتۇش ۋە باستۇرۇپ تۇرۇپ قورقىتىشقا قارىتىلغان. مەن بىر ئاددىي ئايال، كۆپ بىلمەيمەن. بىراق، ياۋروپا بىرلىكى شۇنچە سىياسىيونلار بار يەر، ئۇلار بۇنداق خاتا ئىشنى قىلماس»

ئەمما فرانسىيىدە چىقىدىغان «دۇنيا گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىمبارگونىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدىغان » قورال – ياراق سېتىش نىزامنامىسى» دا، قورال سودىسىغا قاتتىق چەكلىمىلەر قويۇلغان. «دۇنيا گېزىتى»، «خىتايغا قورال سېتىش بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى ئەمەس، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانداق شەرتلەر ئاستىدا خىتايغا قورال – ياراق سېتىپ بېرىشى كېرەكلىكى،» دەپ كۆرسەتتى.(ئەركىن)