2005.04.14

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا تەربىيىلەش ھەققىدىكى قارارىنى 1999 – يىلىلا چىقارغان بولۇپ، مەزكۇر قارار 2000 – يىلىدىن باشلاپ رەسمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار سانى 3115 كە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەن. خەۋەردە يەنە 2000 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار جەمى 6 مىڭ 620 گە يەتكەنلىكى ھەمدە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلىدىغان خىتاي شەھەرلىرى سانىنىڭ ئەسلىدىكى 12 شەھەردىن 25 شەھەرگە كۆپەيگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىدى نېمە؟ خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان كۆزقارىشى قانداق؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ۋاشىنگتون ئۇچۇر مەركىزىدىكى خىتاي دېموكراتىيىچىسى لياۋ تيەنچى خانىم ۋە يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولۇپ ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.