2005.04.13
قىرغىزىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش دېموكراتىيە تەشكىلاتى 12-ئاپرىل كۈنى بېشكەك شەھىرىدە كېڭەيتىلگەن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بېشكەكتىكى دېموكراتىك ھەرىكەت داۋامىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنە سودا مەركىزىنىڭ بۇلانغانلىقى، رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
يىغىندا سۆزگە چىققانلار رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن قازانغان بىر قېتىملىق غەلىبىسى، دەپ بىلدۈردى. رابىيە قادىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن چەكسىز سۆيۈنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە كۆپ رەخمەت ئېيتتى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.