2005.04.08

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلگەن مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقپەرۋەر زات رابىيە قادىر، جۈمە كۈنى مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا مەملىكەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىدە سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىش يولىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاۋازىنى يۈكسەلتىشكە چاقىردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا قويغان قورال – ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش تىرىشچانلىقىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان رابىيە قادىر، » خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن سېتىۋالغان قوراللارنى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ئېلىپ بارغان ھەققانىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقى مۇقەررەر،» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن بۇ مەسىلىدە ياۋروپا پارلامېنتىكى زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىشىم مۇمكىن. مەن ئادەتتىكى ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياۋروپا كومىتېتى شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتىدا، ئىمبارگونى بىكار قىلىشنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىگە قانداق سىگنال بېرىدىغانلىقىنى چۈشۈنەلەيدىغان ئىنتايىن ئەقىللىق سىياسەتچىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن.»
جۈمە كۈنكى ئۇچرىشىش رابىيە قادىرنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. رابىيە قادىر بۇ يەردە ئۆزىنىڭ تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرىكى ۋە تۈرمىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرىنى سۆزلىدى.
رابىيە قادىر، » يېقىندا يۈز بەرگەن قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ قىرغىزلار بىلەن تۇغقان مىللەت – ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئويغۇنۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇقەررەر، دەپ كۆرسەتتى. ئامما ئۇ، » نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا قىرغىزىستاندىكىگە ئوخشاش ئۆزگىرىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىدۇ،» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىننى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. (ئەركىن)