2005.04.01
كىشىلەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ 1999 – يىلى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئامېرىكىلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتقان چېغىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما، قانداق قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى مەخپىيەتلىكلەردىن كۆپ كىشىلەرنىڭ خەۋىرى بولمىسا كېرەك.
كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇن، شۇ كۈنى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىللە يولغا چىقىپ، بىللە قولغا ئېلىنغان رامىلە خانىم بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئايدىڭلاشتۇردى.